تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاغىلىقتا ‹‹كىرىمنى ئاشۇرۇش مېۋىسى›› پىشتى، باغۋەنلەر كۈلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

  كۈز كەلدى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 580 مىڭ مو ياڭاقلىق مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى.

  شاخاپ يېزىسىنىڭ تۈگمەنبېشى كەنتىگە بارغىنىمدا، ئېتىز – ئېرىق باشلىرى، ھويلىلارنىڭ ئالدى – كەينىدە دېھقانلار ئالدىراش ياڭاق يىغىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ياڭاق قېقىۋاتاتتى، بەزىلىرى ياڭاق تېرىۋاتاتتى، يەنە بەزىلىرى ياڭاق ئاقلاۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بۇ يېشىل مېۋىنىڭ ئۇلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىدىكى بەخت مېۋىسى ئىكەنلىكى نامايان بولۇپ تۇراتتى.

  كەنت ئاھالىسى ئابدۇقادىر ياسىن ئائىلىسىنىڭ 95 مو ياڭاقلىقى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى كەنتتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى ئىدى. ياڭاقلارنى تېزرەك يىغىۋېلىپ ئامبارلاشتۇرۇش ئۈچۈن 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى سەھەردىلا، ئۇ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىنى ياڭاق يىغىشقا ياردەملىشىشكە چاقىردى.

  ئابدۇقادىر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: قاراڭ، بۇ ياڭاقلارنىڭ دانىسى چوڭ، مېغىزى توق بولغاچقا، ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن يۇقىرى بولدى، ئۆتكەن يىلىدىكىگە قارىغاندا ھەر موسىدىن ئاز دېگەندىمۇ 600 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇلتۇر ئابدۇقادىر ياسىن 78 مىڭ يۈەنلىك ياڭاق ساتقانىدى، بۇ يىلقى كىرىمىنىڭ 130 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايون يولغا قويغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ باغ – ئورمانچىلىقىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تۆھپىسى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇتەخەسسىسلەر تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇ يىل 3 – ئايدىن باشلاپ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇپ، ياڭاق دەرىخىنى ئۇلاشتىن ئوغۇتلاشقىچە، يەنە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش، ئېتىز پەرۋىشىغىچە دېھقانلارغا قولمۇ قول يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، بۇ يىل ياڭاقتىن ئېلىنىدىغان ھوسۇلنىڭ ئېشىشىغا، دېھقانلار كىرىمىنىڭ كۆپىيىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ياڭاقلىق باغدا ياڭاق تاللاپ سېتىۋېلىۋاتقان قاغىلىق ناھىيەسى يېڭىيار دېھقانچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى تۇرامەت ھەمدۇللا مۇنداق دېدى: دېھقان ۋاسىتىچى بولغىنىمغا 20 يىلدىن ئاشتى، بۇ يىل ياڭاقنىڭ سۈپىتى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ياخشى، باھاسىمۇ ئەڭ يۇقىرى بولدى، بۇ يىل ياڭاقتىن 1700 توننا سېتىۋېلىش پىلانىم بار، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن سېتىلىدىغان ياڭاقنى قوشقاندا، سېتىلىدىغان ياڭاقنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 3000 توننا ئەتراپىدا بولىدۇ، ئۇنىڭ %60ى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ھەرقايسى چوڭ توپ سېتىش بازارلىرىغا سېتىلىدۇ، قالغانلىرى پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ.

  ئەنئەنىۋى سودا شەكلىدىن سىرت، تۇرامەت ھەمدۇللامۇ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ ياڭاق سېتىش بازىرىنى كېڭەيتتى. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، شىنجاڭ ياڭاق (قاغىلىق) توپ سېتىش سودا بازىرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ‹‹توردىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە تور سىرتىدىكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىكى توپ سېتىش سودا بازىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئەندىزىسى كىرگۈزۈلدى.

  تۇرامەت ھەمدۇللا مۇنداق دېدى: بۇ سۇپا ئارقىلىق قاغىلىق ياڭىقىنىڭ شۆھرىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاشىدۇ، بىزمۇ ‹‹دوستلار چەمبىرىكى››مىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز.

  بۈگۈنكى كۈندە، قاغىلىق ياڭىقىنىڭ سۈپىتى ياخشىلاندى، ھوسۇلى ئاشتى، سودا تېخىمۇ زامانىۋىلىشىپ قولايلاشتى، كەسىپ زەنجىرى تېخىمۇ ئۇزاردى.

  ئابدۇقادىر ياسىن مۇنداق دېدى: ياڭاق پوستىدىن مېغىزىغىچە ھەممىسى گۆھەرگە ئايلاندى، مېغىزىنىمۇ، شاكىلىنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ، ئىلگىرى ياڭاق مېغىزىلا سېتىلاتتى، ھازىر ياڭاق يېگەندە ياڭاق پوستىنى تاشلىۋەتمەيدىغان بولدۇق، قاغىلىق ناھىيەسىدە ياڭاق پىششىقلاش كارخانىسىدىن يەتتىسى بار، ياڭاق پوستىنىمۇ پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ، ياڭاق شاكىلىدىن ئاكتىپ كاربون ياسىغىلى، ياڭاق مېغىزى پاسىلىدىن ھاردۇق چېيى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ھەتتا ياڭاق مېغىزى نوقۇل ھالدا قۇرۇق مېۋە قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن ئىچىملىك، ياڭاق تالقىنى ياسىغىلى، ياغ تارتقىلى بولىدۇ، ياڭاق ھەقىقەتەن پۇقرالارنىڭ ‹‹كىرىمنى ئاشۇرۇش مېۋىسى››گە ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى