تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مالىيەسى 724 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى چۈشۈردى

يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوللىدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يېزا ئىگىلىكىدە يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىنى كېڭەيتىش مۇلازىمىتى، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىك باشقۇرۇش، يېزىلارنىڭ 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلىرىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن 724 مىليون يۈەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى چۈشۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يېزا ئىگىلىك تۈرلىرى كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسىدىن 40نى بەرپا قىلىپ، ناھىيە بويىچە كېرەكسىز سولياۋنى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شۇ پەسىلدە ئېتىزلاردىكى كېرەكسىز سولياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %80تىن ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ 88 ناھىيە (شەھەر، رايون)نىڭ ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى بويىچە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 112نى قۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت كۆلىمىنى 450 مىڭ موغا يەتكۈزۈشنى تاماملاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  2018 – يىلى ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كۆلەم 100 مىڭ مو. يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغىدىكى 50 مىليون يۈەن تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيادە تارتقان خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە كۈزگى بۇغداي شۈدىگەرلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنى قوللاشقا ئىشلىتىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەسلىدىكى زىرائەت تېرىقچىلىق پايدىسى ۋە يەر باشقۇرۇش، قوغداش سېلىنمىسى ئۈچۈن ھەر مو يەرگە 500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.

  بۇ قېتىم چۈشۈرۈلگەن مەبلەغ يەنە سىناق نۇقتىسى قىلىنغان 32 نامرات ناھىيەگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان بىرتۇتاش غەملەپ بىرىكتۈرۈلگەن 153 مىليون 770 مىڭ يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا مەركەزلىك ئىشلىتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى