تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەنمۇجاڭى باجۋا بىلەن كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر مېي شىشيۇڭ). دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى بېيجىڭدا پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ سەنمۇجاڭى باجۋا بىلەن كۆرۈشتى.

  باجۋا ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ ئالۋى ۋە زۇڭلى ئىمراننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم باجۋاغا زۇڭتۇڭ ئالۋى ۋە زۇڭلى ئىمرانغا سەمىمىي سالىمى، ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن پاكىستان دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرى، قەدىناس دوستلاردىن. ئىككى تەرەپ مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىدى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو – پاكىستان مۇناسىۋىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشەنچنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ پاكىستان تەرەپنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ۋە جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. پەقەت يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەقىقىي تەدبىر بولغاندىلا، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى ھەم ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پاكىستاننىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شۇنداقلا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئالقىشلايمەن. ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ھەرساھە ۋە ھەرقايسى قاتلامدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېررورلۇق كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشەنچلىك خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  باجۋا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پاكىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى باشتىن – ئاخىر تاشقى مۇناسىۋەتتىكى باش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن باشتىن – ئاخىر بىر سەپتە تۇرىدۇ. پاكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پاكىستانغا ھەرقايسى جەھەتلەردە ياردەم بەرگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە، ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، خەلقئارا رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.