بېيجىڭ شەھەرلىك 18-ئوتتۇرا مەكتەپ جىياتەي فېڭتەي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى لەگلەك ياساشنى ئۆگەنمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھەرلىك 18-ئوتتۇرا مەكتەپ جىياتەي فېڭتەي مەكتىپى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆگىنىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بېيجىڭدىكى «لاۋزىخاۋ»، «ۋاڭجىخې» قاتارلىق كارخانىلاردىن كەلگەن مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇتەخەسسىسلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە يۆبىڭ پىشۇرۇپ، لەگلەك ياساپ، سىلكىمە كاۋاك بامبۇك ئويۇنى (سېرك) ئويناپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.