تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ناشتىدىن بۇرۇن بەدەن چېنىقتۇرۇش سالامەتلىككە زىيانلىق

  كۆپىنچە كىشىلەر ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپلا چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ياپونىيە تىسۇككۇبا داشۆسى ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئاچ قورساق چېنىقىش ئۇسۇلى ئادەم بەدىنىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان بولۇپ، چېنىقىشنىڭ پايدىسى بولماي ئەكسىچە ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىكەن. ناشتىدىن بۇرۇن چېنىققانلارنىڭ ناشتا قىلىپ چېنىققانلارغا قارىغاندا، پۈتۈن كۈنلۈك ئېنېرگىيە ئالمىشىش ۋە ئوكسېگىن خوراش مىقدارى ئېشىپ كېتىدىكەن؛ ئېنېرگىيە تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن نورمال ماددا ئالمىشىشمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن. سەھەردە ئادەم بەدىنىنىڭ ھالىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ھەرىكەت قىلغاندا، شۇ كۈنلۈك بەدەن ئېنېرگىيەسى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق چاغدا چېنىققاندىن، جىمجىت ئولتۇرغان ياخشىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى