9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ماھىرلار تەيجى گۇمپىسىنى ئورۇندىماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونى يۆتەن مەھەللە كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 7-نۆۋەتلىك «بەييۈن لوڭقسى» تەيجى گۇمپىسى مەملىكەت بويىچە تەكلىپ مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ماھىر پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت تەيجى گۇمپىسىدىن ئىبارەت بۇ ئۆزگىچە تەنھەرىكەت شەكلىنى تېخىمۇ كۆپ چېنىقىش ھەۋەسكارلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشنى مەقسەت قىلغان. (جاڭ يۈۋېي فوتوسى)