شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەسپىي ئورۇنلار جەمئىيەتتىن477 نەپەر كەسپىي تېخنىكىلىق ئىختىساس ئىگىسىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىدۇ، 132 ئورۇن 322 خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تىزىملىتىش 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم 18 ياش ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ، 35 ياشتىن كىچىكلەر(يەنى، 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 1982-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە تۇغۇلغانلار) قوبۇل قلىش ئوبيېكتى بولۇپ، تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى دۆلەتلىك مائارىپ مەمۇرىيەت باشقۇرۇشىدىكى تارماقلار ئېتراپ قىلغان ئوقۇش تارىخى بولۇشى كېرەك ئىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئۈرۈمچىنىڭ ھەر قايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك باشقۇرۇش كومىتېتلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. نىزامنامە ۋە خىزمەت ئورنى جەدۋىلىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تورىدىن چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى