ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر ۋېي يىڭ، تەكلىپلىك مۇخبىر لى ۋېنۋۇ): 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، شىنجاڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى سۇلۇق يەرگە دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ــــ كۈل رەڭ تۇرنا ئۇچۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلسا، بەزىلىرى بۇغدايلىقلار ئارىسىدىن ئوزۇق ئىزدەۋاتاتتى.
ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن 10-ئاينىڭ بېشىغىچە بولغان ۋاقىت پەسىل قۇشلىرىنىڭ ماكانلىشىدىغان ۋە كۆچىدىغان مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى كۆپلىگەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ يەرگە كېلىدىغان پەسىل قۇشلىرى ئاساسلىقى لەيلىلىك تۇرنا، ئاق قۇ، كۈل رەڭ تۇرنا، ياۋا غاز، قىزىل قاشقا تۇرنا، ئۇقار، ئاق تۇرنا قاتارلىقلار بولۇپ، تۈرى 20 نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە يايلىقى ئالاھىدە ئورنى، ياخشى بولغان ئېكولوگىيەسى ۋە مول ئۆسۈملۈك يېپىنچىسى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلىشىشقا ۋە كۆپىيىشكە جەلپ قىلدى، شۇنداقلا ئاجايىپ گۈزەل پەسىل قۇشلىرى مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. پەسىل قۇشلىرىنى كۆزىتىش موڭغۇلكۈرەنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى يەنە بىر ئاساسلىق ئالاھىدىلىك بولۇپ، كۆپلىگەن قىممەتلىك، ئاز ئۇچرايدىغان پەسىل قۇشلىرى، موڭغۇلكۈرەنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى، ياخشى بولغان تەبىئىي مۇھىت قاتارلىقلار دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى، قۇش ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.