تىيانشان تورى( ئىختىيارىي مۇخبىر لى يى) خەۋىرى: سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچىسى سانجى جۇخارگۈل بايرىمى ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى نامايان قىلىش، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى 7-نۆۋەتلىك جۇخارگۈل كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
بۇ نۆۋەتلىك جۇخارگۈل كۆرگەزمىسىدە «تۇغقانلىرىمنى تەكلىپ قىلىپ سانجىنى ئايلىنىپ، بەختكە تولغان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولىمەن» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق، 1018 خىل جۇخارگۈلى كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن؛ چوڭ ئېتىزدا تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئەنئەنىۋى چوڭ جۇخارگۈل، B ،A رايوندىكى ئەگرى-بۈگرى باغچا يولى دائىرىسىدە تەخمىنەن 300 مىڭ تۈپ جۇخارگۈل ئۆستۈرۈلۈپ، سورتلار موللاشتۇرۇلغان؛ ئېتىزدىكى گۈل-چېچەكلەر مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش، يېزا ئىگىلىك ئىستىراھەت ساياھىتى، ئورگانىك مېۋە-چېۋە، كۆكتات ئۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلە زىياپىتى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئەينەن قىياپىتىنى نامايان قىلىش سارىيى كۆرگەزمىسى، ئىجادىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى قاتارلىق مەزمۇنلار كۆپەيتىلىپ، باغ-ئورمان، دانلىق زىرائەت ۋە مېۋە-چېۋە ماددىي بۇيۇملىرى، كىچىكلىتىلگەن مەنزە قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت ئامىللىرى سىڭدۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك ساياھىتى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ساياھىتىگە خۇشال كەيپىيات يارىتىلىدىكەن.