تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى غالىبىيەت ئابدۇقادىر

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك يامان غەرىزىدىن يانمىدى، ئۇلار ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. قانلىق ساۋاق ۋە پولاتتەك پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. يەنە بىز كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر كۆرۈنۈشتە كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئاستىرتىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ئۇلار خالىغانچە ۋەقە سادىر قىلىدىغان زوراۋان– تېررورچىلاردىنمۇ رەزىل.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەگە، دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن.

  باشتىن–ئاخىر سىياسىي مەيدانىمنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. باشتىن–ئاخىر پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان نەمۇنىچىلەردىن بولىمەن.

  باشتىن–ئاخىر مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى، مەسئۇل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن. مەن تارىخىي مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى روشەن قىلىش، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. پارتىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، پارتىيەنىڭ ئىشلىرىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھەق–ناھەق ئالدىدا پوزىتسىيە بىلدۈرمەيدىغان، زىددىيەت ئالدىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان، خەۋپ – خەتەر ئالدىدا بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان، سەۋەنلىك ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالمايدىغان، ناتوغرا كەيپىيات ئالدىدا كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ھادىسىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئادەتتىكى چاغدا پەرقلەندۈرەلەيدىغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، ھايات–ماماتلىق پەيتتە جان پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەيمەن.

  باشتىن–ئاخىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ‹‹جان تومۇر››نى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مەن ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ياخشى كۈنلىرىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش›› ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشكە يېتەكلەيمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، پارتىيەنىڭ ساداسىنى كەڭ كادىرلار، ئاممىغا ۋاقتىدا، توغرا يەتكۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى