تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن

بورتالا شەھىرى نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسى نەنچېڭ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەئىدە داۋۇتجان

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى بىزگە ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، گۈزەل كېلەچەك كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، يېڭى مۇساپە كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بۇرچنى ھەر دائىم ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، پوزىتسىيەمنى روشەن، مەيدانىمنى ئېنىق قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمەن ۋە زەربە بېرىمەن.

  مەن نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ھەر ۋاقىت ياخشى تەييارلىق قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەسسە قوشىمەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تەكىتلىگەن ‹‹ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك›› دېگەن سۆزنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. سىياسىي مەيداندا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن، قەتئىي ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، قەتئىي بىخۇدلۇق قىلماي، ھەرگىز چېكىنمەي، تاكى ئۇلارنى تەلتۆكۈس، پاك–پاكىز يوقاتمىغۇچە بولدى قىلمايمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى خىزمىتىمدىكى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەتئىي قوغداپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى