تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ قىسقۇچپاقىسى، يۆبىڭلىرى ئايروپىلاندا شىنجاڭدىن چىقىرىلدى

يىراقلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سوۋغا ئەۋەتىلىپ، سېغىنىش ھېسسىياتى يەتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ما يىنىڭ، مېھرىگۈل غوپۇر

  يۆبىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ سېغىنىش ھېسسىياتىنى يىراقلارغا يەتكۈزىدىغان، جەم بولۇش ئارزۇسى سىڭدۈرۈلگەن ئەنئەنىۋى پىشۇرۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭچيۇ بايرىمىدا تەبىئىيلا كەم بولسا بولمايدۇ، بەلكى، ھازىرقى ۋاقىت قىسقۇچپاقىنىڭمۇ تازا يېتىلگەن مەزگىلى. شىنجاڭنىڭ قىسقۇچپاقىسى بىلەن يۆبىڭىغا شىنجاڭنىڭ دوستلۇق رىشتى ۋە يۇرتنى سېغىنىش ھېسسىياتى مۇجەسسەملىنىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق سوۋغات سۈپىتىدە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئۇرۇق–تۇغقان، دوست–بۇرادەرلەرگە ئەۋەتىلدى.

  9–ئاينىڭ 18–كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۈك توشۇش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، شىنجاڭنىڭ قىسقۇچپاقىسى، يۆبىڭلىرى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىن توشۇيدىغان ئاساسلىق مال بولۇپ قالدى.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمى دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ سېتىشقا مەسئۇل خادىمى چۈ يى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا شىنجاڭنىڭ قىسقۇچپاقىسىنى ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلاندا بىۋاسىتە ئىچكىرىگە توشۇش بايرامنىڭ ئالدىدىكى ۋاقىتقا مەركەزلىشىپ قالاتتى. بۇ يىل ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان شىنجاڭ قىسقۇچپاقىسى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاقسۇ، ئالتاي قاتارلىق جايلاردىن ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىگە توشۇلۇپ، ئاندىن يەنە ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان قىسقۇچپاقا سۇدىن ئايرىلىپ داستىخانغا چىققۇچە بولغان ۋاقىت 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيتتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر ئايروپىلاندا ئۇلاپ توشۇش كەسپى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قىسمەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە بۇ ۋاقىت سەككىز سائەتكە قىسقاردى. شىنجاڭدىن چىقىدىغان قىسقۇچپاقىنىڭ قۇمچاقلىرىمۇ ئىچكىرىدىن ئايروپىلاندا كەلتۈرۈلۈپ، قار – مۇز سۈيىدە بېقىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، تەمى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىستېمالچىلار ناھايىتى ياقتۇرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە 50 توننىغا يېقىن قىسقۇچپاقا توشۇلغان بولۇپ، بېسىق مەزگىلدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ توننا توشۇلىدۇ.

  ئۇقۇشىچە، شىنجاڭنىڭ قىسقۇچپاقىسى ئاساسلىقى بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ، چۇڭچىڭ، كۈنمىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلىدىكەن. جۇڭچيۇ بايرىمىدىن ئىلگىرىكى توشۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يۈك توشۇش كاپالىتىنى كۈچەيتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پوچتا ئىدارىسى ۋە شۈنفېڭ، دېباڭ قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، توشۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توشۇلىدىغان ماللارنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  قىسقۇچپاقىدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك يۆبىڭلىرىمۇ ئايروپىلاندا خېلى كۆپ توشۇلىدۇ، مەسىلەن، مەيچۈئېر يۆبىڭى قاتارلىقلار ئايروپىلاندا توشۇلۇپ، يېڭى پېتى يەتكۈزۈشكە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھازىر كۈنىگە شىنجاڭدىن ئايروپىلاندا توشۇلىدىغان يۆبىڭ 2.3 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى نىڭبو، باۋتۇ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ.

  ئايروپىلاندا توشۇشتىن سىرت، يەنە پوچتا ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپى ئارقىلىقمۇ توشۇلماقتا. 9–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭزىجياڭ يولى تارماق ئىدارىسىنىڭ تىجارەت زالىدا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى يۆبىڭ سېتىۋېلىش، پوچتىدىن ئەۋەتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. تىجارەت زالىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا مەخسۇس كىچىك كۆرگەزمە پوكىيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، نەپىس سوۋغاتلىق يۆبىڭ يەشىكلىرى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تاللىشى ئۈچۈن قويۇلغانىدى. پوكەينىڭ بىر تەرىپىدە، يەشىك–يەشىك يۆبىڭلار مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلۇش ئالدىدا تۇراتتى. نەق مەيداندا مەسلىھەت سوراۋاتقان شەھەر ئاھالىسى ۋۇ جىگاڭ مۇنداق دېدى: ئاتا–ئانام چېڭدۇدا، جۇڭچيۇ بايرىمىدا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەرنى يوقلىيالمايمەن، پوچتا ئارقىلىق ئازراق شىنجاڭ يۆبىڭى ئەۋەتىپ، يىراقتىكى تۇغقانلىرىمغا بولغان سېغىنىشىمنى ئىپادىلىمەكچىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى