تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

پولاتتەك ئىنتىزامنى كۈندىلىك ئادەت ۋە ئاڭلىق مىزانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 9–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى›› (تۆۋەندە قىسقارتىپ ‹‹نىزام›› دەپ ئېلىندى)نى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇۋەققەت مۇدىرى ياڭ شىن ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى ‹‹نىزام››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ھازىرقى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ‹‹نىزام››نىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ‹‹ئىنتىزام قىسىمى›› بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىشى، تەشۋىق قىلىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئەينەن ئۆگىنىش، خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە ئۆگىنىش، كونا بىلەن يېڭىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ‹‹نىزام››نى ئۆگىنىش، رىئايە قىلىش، ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ‹‹نىزام››نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پولاتتەك ئىنتىزامنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ۋە ئاڭلىق مىزانىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى