تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قىپقىزىل لازىلار، قايناق كۈنلەر

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

  ئالتۇن كۈز پەسلى بولغان 9–ئايدا، مېۋە–چېۋىلەرنىڭ ھىدى ھەممە ياققا تارالدى، بۇ، بىر يىلدىكى مول ھوسۇل پەسلى بولۇپ، كەڭرى شىنجاڭ زېمىنىدا ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدنى نامايان قىلدى. قىپقىزىل لازىلار، ئاپئاق پاختىلار، ساپسېرىق قوناقلار، يەنە شېرىن ئۈزۈملەر، چىلانلار... تىيانشاننىڭ جەنۇبى، شىمالىدىكى كەڭ دېھقان–چارۋىچىلار بىر يىلدىكى ئەڭ تاتلىق، ئەڭ بەختلىك پەيتنى كۈتۈۋالدى.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىدا بىرقاتار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىندى، غەيرەت قوشۇلدى.

  تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى›› يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ گېزىتى ‹‹كۈزلۈك ھوسۇل. مەنزىرە لىنىيەسى›› ئىستونىنى ئالاھىدە تەسىس قىلىپ، مۇخبىرلارنىڭ ئېتىز بېشىغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، خەۋەر بېرىشى ئارقىلىق جايلارنىڭ مول ھوسۇل ئالغان گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئاممىنىڭ مول ھوسۇل شادلىقىنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىدىكى يېڭى تەجرىبىسى، يېڭى مۇۋەپپەقىيىتىنى كېڭەيتىپ، كەڭ دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى تارقىتىدۇ.

  كۈز شامىلى سالقىن ھاۋانى ئېلىپ كەلدى، ھاۋا ئوچۇق، سۈزۈك ئىدى. ساۋەن ناھىيە بازىرىدىن ئاپتوموبىل بىلەن يولغا چىقىپ، يەنسىخەي چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە، مەملىكىتىمىز بويىچە مۇھىم لازا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان يەنسىخەي بازىرىغا بارغىلى بولىدۇ.

  يەنسىخەيدە دېڭىز يوق دەپ كىم دەيدۇ؟ چۆل–باياۋاندا، تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدە، ئاپتاپقا سېلىنغان لازىلار قوشۇلۇپ قىپقىزىل دېڭىزغا ئايلىنىپ، تىيانشان ئېتىكىدىكى بۇ كىچىك بازارنى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدۈرگەنىدى.

  يەنسىخەي بازىرىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇلنى ئالدىراشلىق ئىچىدە تەبرىكلىدى. 9–ئاينىڭ 18–كۈنى، مەزكۇر بازارنىڭ جاخوزا كەنتى ئاھالىسى ۋاڭ يۈمېڭ ئەتىگەندىلا ئائىلىسىنىڭ ئېتىزلىقىغا كېلىپ، لازا ئۈزۈش ماشىنىسىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتاتتى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئالدىراش ئۆتۈپ، بۈگۈن مول ھوسۇل ئېلىش پەيتىنى كۈتۈۋالغان ۋاڭ يۈمېڭنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە بولغاندا، ئۇ تېرىغان 120 مو يەردىكى شيەنجياۋ لازىسىدىن 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايتتى. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى، لازا تېخى ئۈزۈلمەي تۇرۇپلا، سېتىۋالغۇچىلار ساقلاپ تۇرۇشاتتى، زاكاز مۇددەتتىن بۇرۇن ئىمزالانغانىدى.

  ‹‹كۈزدە كىيىنىشكە ئەھمىيەت بەرمىسىمۇ بولىدۇ››. يەنسىخەي بازىرى شياڭتۇدى دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ليۇ پېيجۈنمۇ ۋاڭ يۈمېڭنىڭ ئېتىزلىقىغا كەلدى. ئۇنىڭ كۆڭلىكى تەردىن چىلىق–چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن، ئىشتىنى توپا بولۇپ كەتكەنىدى، ھوسۇل يىغىۋېلىش مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆز ئوبرازىغا دىققەت قىلىشقىمۇ چولىسى تەگمىگەنىدى.

  ۋاڭ يۈمېڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى باشقۇرىدىغان لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 6000 مودىن ئاشتى.

  ليۇ پېيجۈن كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىسىمۇ، ھەر بىر مو يەردىكى لازىغا قەۋەتلا كۆڭۈل بۆلەتتى، تېرىش، پەرۋىش قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ليۇ پېيجۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر تېرىش، پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈشنى پۈتۈن مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، لازىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى، بۇ يىل مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامغا يەتتى، بۇ، ئىلگىرىكىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان لازا يەنسىخەيدىن چىقماي تۇرۇپلا سېتىلىپ بولىدۇ، سېتىشتىن ھەرگىز غەم قىلمايمىز.

  تېرىش، پەرۋىش قىلىشقا ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلاردىن يەنە ۋاڭ يۈمېڭ بار. ۋاڭ يۈمېڭ: بۇرۇن لازا تېرىشقا ئۇزاق ۋاقىت، كۆپ كۈچ كېتەتتى، سۇغارغان ۋاقىتلاردا ئېتىزدا قونۇپ، سۇ كېلىشى بىلەنلا سۇ تۇتۇشقا توغرا كېلەتتى، كۆپ سۇغىرىشقىمۇ، ئاز سۇغىرىشقىمۇ بولمايتتى، سەل دىققەت قىلمىساقلا ھوسۇلغا تەسىر يېتەتتى، دېدى. ھازىر تېمىتىپ سۇغىرىش ۋە سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى بولغاچقا، سۇغارغاندا كەيگۈەننى ئاچسىلا بولىدۇ، ۋاقىتنى، كۈچنى تېجەپلا قالماي، سۇ مىقدارىنىمۇ مۇقىملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇلتۇر ناھىيە يەنە ئۇلارغا يەرنى ھەقسىز ئاغدۇرۇپ بەرگەچكە، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئاشتى.

  يەنسىخەي بازىرىنىڭ لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىدا، دېھقانلار ئەھمىيەت بەرگەندىن سىرت، يەنە كارخانىلارنىڭمۇ تىرىشچانلىقى بار. تېخىمۇ كۆپ لازا يەنسىخەي بازىرىدىلا ئىنچىكە پىششىقلانغاچقا، لازىنىڭ سېتىلىش يوللىرى كېڭىيىپلا قالماي، پىششىقلاش كەسىپ زەنجىرى ئۇزارتىلىپ، ئاشۇرما قىممىتى ئۆستۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گۇاڭخەيجى يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى شيې گۇاڭجوۋ: بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن 2000 مو ئەلا سۈپەتلىك لازا سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدۇق، كارخانىمىز مەۋقەنى يەنسىخەينىڭ ئەلا سۈپەتلىك لازا بايلىقىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك لازا قىيامى پىششىقلاپ، تېخىمۇ چوڭ بازارلاردا سېتىپ، دېھقانلار بىلەن كارخانىنىڭ قوش پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق، دېدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بۇ كارخانا يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى پىششىقلاش بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆردى. ھازىر شىركەت ئىشلەپچىقارغان لازا قىيامى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغا يۈزلىنىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 10 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ يىل يەنسىخەي بازىرىدا تېرىلغان لازا كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ مو بولۇپ، سورتلىرى ئۇزۇن لازا، بەنجياۋ لازىسى، چاۋتيەن لازىسى قاتارلىق ئون نەچچە سورتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنسىخەي لازىسىنىڭ بارغانسېرى داڭقى چىقىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا سېتىلدى، يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ يېرىمى لازا تېرىشتىن كەلدى. ئوتقاشتەك قىزىل لازا يەنسىخەي دېھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى باياشاتلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى