شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9–ئاينىڭ 18–كۈنى تېلېگراممىسى. ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ھۆججەتلىرى›› ناملىق كىتاب يېقىندا چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، گېرمانچە، ياپونچە، رۇسچە، ئەرەبچىدىن ئىبارەت يەتتە خىل تىلدا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى–سىرتىغا تارقىتىلدى.
بۇ كىتابقا ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى——جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19–قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات››، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى›› قاتارلىق 11 پارچە مۇھىم ھۆججەت كىرگۈزۈلگەن.