تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ‹‹فونتانسىمان›› ئاشتى

ئالدىنقى سەككىز ئايدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 100مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى

  كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى(قېتىم)، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40تىن كۆپرەك ئاشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ كەندۇڭنىڭ 9–ئاينىڭ 18–كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹قىشتا شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش›› جۇڭگو غەربىي رايون قار–مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 13–نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1–ئايدىن 8–ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 105 مىليون 942 مىڭ 900 ئادەم(قېتىم) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.93 ئاشقان، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمالى 171 مىليارد 942 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.18 ئاشقان. شىنجاڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا، ساياھەتچىلىكتە سەيلە–ساياھەتتىن سەيلە قىلىش، ئارام ئېلىش، ھېس قىلىش شەكلىدىكى ساياھەتكە، مەنزىرە نۇقتىسى ساياھىتىدىن پۈتۈن رايون ساياھىتىگە، ئىشىك بېلىتى ئىقتىسادىدىن ساياھەت ئۇنىۋېرسال ئىستېمال ئىقتىسادىغا، ‹‹بىر جاي›› ساياھىتىدىن ‹‹ساياھەت+›› يۇغۇرما تەرەققىياتقا قاراپ ئۆزگىرىۋېتىپتۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خوۋ خەنمىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم، ئىقتىساد راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان بولۇپ، مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا سىجىل تارقىتىلىپ، ساياھەتچىلىك زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، شىنجاڭ دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى. يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئاۋاتلىق دەرىجىسى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى ‹‹فونتانسىمان›› ئاشقان. 2016–، 2017–يىلى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېلىنغان ئادەم(قېتىم) سانى، ئومۇمىي ساياھەت ئىستېمالى ئۇدا ئىككى يىل %30تىن كۆپرەك ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. 2017–يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى تۇنجى قېتىم جەمئىي 107 مىليون (قېتىم)دىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.38 ئاشقان. شىنجاڭدا ‹‹كۆپ خىل كەسىپ ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى گۈللەندۈرۈش، ساياھەت ئارقىلىق كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش›› ۋەزىيىتى شەكىللىنىۋېتىپتۇ، تارماقلار، ساھەلەرنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى قوللاش، ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش ئاكتىپلىقى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بولۇپمۇ قار–مۇز ساياھىتى جەھەتتىكى بايلىقى ئۆزگىچە ھەم مول، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى