تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

‹‹خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلايلى›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر(2)

ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپ تۈپ ۋەزىپىسىنى بوشاشماي چىڭ تۇتايلى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋشىيا

  قانداق ئادەم تەربىيەلەش مائارىپتىكى باش مەسىلە.

  ‹‹سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك››، مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مائارىپ خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى، نىشانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئالتە تەرەپتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، بۇ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم بىلىش نەزەرىيەسى ۋە مېتودولوگىيە بولۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئوقۇش – ئوقۇتۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز

  9–ئاينىڭ 17–كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئىقتىساد – سودا تارماق شۆيۈەنىنىڭ بىر سىنىپىدا، ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئىتتىپاقلىق كۈچ›› دېگەن خورنى ئېيتىپ، روھىنى ئۇرغۇتۇۋاتاتتى. خور ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 2–يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ليۇ بەيلۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاساسىي تېمىلىق ئەخلاق تەربىيە پائالىيىتى دەرسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى PPT شەكلىدە كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

  بۇ، شۇ مەكتەپنىڭ ئالىي كەسپىي ئەخلاق تەربىيە پائالىيىتى دەرسى بولغان ‹‹خۇشال – خۇرام ئۆگىنىش، بەختلىك ياشاش›› مەخسۇس تېمىلىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيەت دەرسخانىسىدىكى كۆرۈنۈش. ليۇ بەيلۇ مۇنداق دېدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىككى – ئىككىدىن قوشماقلىشىپ، ئۆزئارا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەملىشىپ، ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇشتا تەلەپچان بولۇشنى كۈچەيتتۇق.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ مول پائالىيەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پائالىيەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئوقۇشنى تەڭ يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  مەكتەپنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلغان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى بىر گەۋدىلەشكەن ئەخلاق تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق–پەزىلەتنى پۇختا، ياخشى يېتىلدۈرۈپ، كۆيۈمچان، ئەخلاق–پەزىلەتلىك، مېھىر–مۇھەببەتلىك كىشىلەردىن بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مائارىپ سىستېمىسى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنىڭ تۈزۈلمە–مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئۈنۈمىنى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشتىكى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، قابىلىيەتلىك ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈشنى يادرو، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشنى تۈپ ئاساس قىلىپ، جەمئىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا، بىلىم جۇغلاشقا، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە راۋاجلىنىشىغا، تۈزۈمنى يۈرۈشتۈرۈشكە كېرەكلىك ئادەملەرنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە–ئېتىقادىنى چىڭىتىمىز

  ‹‹كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى چۈشىنىش، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش، كىلاسسىك ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش›› شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ماركسىزملىق نەزەرىيە ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇشتىكى روشەن خاسلىقى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي مائارىپ كەسپى 2 – يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ جىنجىن مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ‹‹ماركس – ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى››، ‹‹زىددىيەت توغرىسىدا›› قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق كىلاسسىك ئەسەرنى ئوقۇپ چىقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسەن ھەر ھەپتىدىكى ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدە، مۇئەللىم ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا ئاساسەن بىر – ئىككى كىلاسسىك ئەسەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ، كېيىنكى قېتىملىق دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى گۇرۇپپىلارنى بىرلىك قىلىپ مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىش، ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك مۇھىم، زور ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان.

  مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تېزدىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئوندىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپتە ماركسىزم شۆيۈەنى قۇرۇلدى.

  مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەخسۇس تېمىدا يىغىن ئېچىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى ۋە يولغا قويدى. ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، دەرسلىك، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي دەرسنى ياخشىلاش داۋامىدا كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا يۈكسەلدۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا كىرگۈزۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئىرادە باغلاشقا ھەقىقىي يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىمىز

  ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتۇر، بۇ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇتۇش زۆرۈر بولغان روھ.

  ‹‹خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئوقۇش–ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى ئاڭلىق توسۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قەيسەر جەڭچىسى بولىمەن›› دېدى ئاقسۇ شەھەرلىك 11–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابدۇراخمان ياسىن، –سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەش مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.

  قۇدۇق قازغۇچى شۇنچە چوڭقۇر قۇدۇقنىمۇ ئاز–ئازدىن قېزىپ پۈتتۈرىدۇ.

  ‹‹ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىچىك ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە››. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، مائارىپ سىستېمىسى مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىغا توغرىلىنىپ، غايە–ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئەخلاق–پەزىلەت يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، بىلىش، تونۇشنى ئۆستۈرۈش، كۈرەش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپانى ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلدۈرىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ. ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنى ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى پۇختا تۇرغۇزۇش، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى