تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

【بەخت كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ】 دېھقان قىزنىڭ مۇئەللىم بولۇش ئارزۇسى

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىنىڭ كۈتلەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى جاڭ جياڭخۇا پاتەمگە ئەلئارا ئېلىم-بېرىم توختامىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى چۈشەندۈرمەكتە.

  مۇخبىرىمىز جۇ كەيلى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇقېيۇم تۇراپ خەۋىرى: كۈز پەسلى دېھقانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن ئالدىراشلىققا، مول ھوسۇلغا تولغان پەسىل. قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدىكى «كەنت گۈلى»، «چىرايلىق مۇئەللىم» دەپ چاقىرىلىدىغان ئىشچان دېھقان قىزى پاتەم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئالدىراشلىقى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ. «‹چىرالىق مۇئەللىم›، بۇ ئايلىق تۆلەم پۇلىنى مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بەردىم» دېدى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالدىراش ئېتىزغا ماڭغان كۈتلەم كەنتى ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن مەتنۇر يىراقتىن پاتەم ھەبىبۇللانى كۆرۈپ ئالدىغا بېرىپ سالاملىشىپ، ئۇ بۇ گەپنى دەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ناھايىتى قايىل بولغان ھالدا «سىز بىلىدىغان قانۇن ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن، مېنىڭمۇ ئۆگەنگۈم بار» دېدى.

  پاتەم تالا-تۈزدە دائىم دېگۈدەك ئۆزىنى ئىزدەپ قانۇنغا دائىر مەسىلىلەرنى سوراپ پىكىرلىشىدىغانلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. پەقەت تولۇقسىز ئوتتۇرا سەۋىيەسىگە ئىگە، مۇشۇ كەنتتە تۇغۇلۇپ 24 يىل مۇشۇ يەردە يۈرگەن دېھقان قىزىنى نېمىشقا كەنتتىكىلەر «كەنت گۈلى»، «چىرايلىق مۇئەللىم» دەپ چاقىرىدۇ؟ ئۇ  قانۇن بىلىملىرىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ مۇنداق ئىش ئىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، كەنتتە ماھارەت ئۆگىتىش تەربىيەلەش كۇرسلىرى قىزىپ كەتتى، پاتەم تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى.

  ئارزۇ بىر خىل ئىشەنچ

  پاتەم كىچىكىدىنلا خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئارزۇسى بار ئىدى، ئەمما، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ، ئۇ ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدى. ھەر قېتىم مەكتەپنىڭ ئالدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭ كۆڭلى شۇ قەدەر يېرىم بولۇپ، ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى بولۇش سالاھىيىتىدىن بىر ئۆمۈر مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلاتتى.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماھارەت ئۆگىتىش تەربىيەلەش كۇرسى پاتەمگە ئۈمىد ئاتا قىلدى. «مەن بىلىم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە ياردەم قىلىمەن، ياخشى ئۆگەنسەم بەلكىم ئوقۇتقۇچى بولالايمەن.» پاتەم ھەبىبۇللا بۇ خىل ئىدىيە بىلەن قانۇن ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى. ئادەتتە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىدىن ئىبارەت «سۇدىيە مۇئەللىم» كەنت ئاھالىلىرىگە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا «توك تولۇقلاش» رولىنى ئوينىسا، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدىكى دەرسخانىدا پاتەم  ھەر قېتىملىق سوئال سورالغان پەيتلەرنى چىڭ تۇتىدۇ. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ تېلېۋىزوردىن قانۇن پىروگراممىسنى كۆرۈپ، دېلو ئۆرنىكى توپلاپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقىتلىرىدا «سۇدىيە مۇئەللىم»لەرنى ئىزدەپ، يولۇققان قانۇن مەسىلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ ئۆگەندى ھەمدە قانۇنغا دائىر كىتاب-ماتېرىياللارنى كۆردى.

  ئارزۇ، ئۇ بىر خىل ئىشەنچ.  قانۇننى بىلمەيدىغانلار كۆپ، پاتەمگە نىسبەتەن قانۇننى پىششىق ئىگىلەش بىر چوڭ سىناق، ئۇ بار غەيرىتى بىلەن چىشىنى قاتتىق چىشلەپ، ئۆگىنىش ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىپ، ئاخىرى «سۇدىيە مۇئەللىم»نىڭ ياردەمچىسىگە ئايلاندى. بارا-بارا پاتەم ھەبىبۇللانى ئىزدەپ ياردەم سورايدىغان، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرىدىغانلار كۆپىيىپ، كۆپچىلىك ئۇنى چىن كۆڭلىدىن «كەنت گۈلى»، «چىرايلىق مۇئەللىم» دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.

  تىرىشىپ، ئۆزۈمنى تېخىمۇ ياراملىق قىلىمەن

  «مۇئەللىم، مەن تۈنۈگۈن موتوسىكىلىت بىلەن كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەيلەننى سوقۇۋەتتىم، قاتناش ساقچىسى ئۆيگە قايتىپ خەۋەر كۈتۈشۈمنى ئېيتقانىدى، تۈرمىدە يېتىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن» بىر ئاينىڭ ئالدىدىكى بىر كەچقۇرۇندا، مەمەتتۇرسۇن مەتنۇر پاتەم ھەبىبۇللانى ئىزدەپ دەككە-دۈككە ئىچىدە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.

  «سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز ئاددىي ھەق-تەلەپ ماجىراسىغا ياتىدۇ، ھادىسە مەسئۇلىيىتىنى باھالاپ بېكىتىش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن كېڭىشىش ئارقىلىق تۆلەم پۇلى تۆلەش ئارقىلىق بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىسىز.» پاتەم ھەبىبۇللانىڭ بۇ جاۋابى مەمەتتۇرسۇن مەتنۇرنى خېلى خاتىرجەم قىلدى.

  پاتەم ئاۋۋال ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، كەينىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن لايىھەنى يولغا قويۇشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت ئېلىپ، مۇرەسسەنامە يېزىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ، ئىككى تەرەپنى كۆرۈشۈپ كېلىشىشكە تەكلىپ قىلدى. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا 10 مىڭ يۈەن تۆلەش كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ماجىرانى ھەل قىلدى.

  مەمەتتۇرسۇن مەتنۇرنىڭ بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى بىر قېتىمدىلا چىقىرىپ بولالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، پاتەم ھەبىبۇللا بىر قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۇنىڭغا خىزمەت تېپىپ بېرىپ، ئەمگەك توختامى ئىمزالاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەممەتتۇرسۇن مەتنۇرنىڭ تۇرمۇشى يېڭىدىن بىر قېلىپقا چۈشتى، بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسى پاتەم ھەبىبۇللادىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدى.

  دەرسخانىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولغان پاتەم خىزمەتتە ئىنتايىن ئەستايىدىل ئىدى. ئۇ دائىم «ئادەتتە بىز ئۇرۇق-تۇغقان، دوست، ئەمما ئۆگىنىشتە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. تاپشۇرۇقنى خاتا ئىشلىسەك قايتىدىن ئىشلەيمىز» دەپ ئەسكەرتەتتى.

  تىرىشچانلىق، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىزىگە ئايلاندۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر، پاتەم ھەبىبۇلا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قۇرغان مۇنبەرگە چىقىپ، يۇرتداشلىرىغا دەرس ئۆتكەن ۋاقتىنى ئۇنۇتمايدۇ. «مەن شۇ چاغدىن باشلاپ كەلگۈسىدە ئۆزۈمنىڭ ئوقۇتقۇچى بولالايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن» دەيدۇ ئۇ. سىنىپ، مۇنبەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئېسىل جاي ئىدى.

  مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇشقا تىرىشىمەن

  پاتەم خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە ئاممىباب، جانلىق ئوقۇتۇش تىلى، يېقىشلىق دېلو مىسالى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، ئىلگىرىكى ئاددىي دېھقاندىن بۈگۈنكى قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتچىسى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەمگۇزارى ۋە ئۈلگىسى بولۇشقا قاراپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

  «ئىلگىرى بىز بىلىدىغان قانۇن بىلىمىلىرى تولىمۇ ئاز ئىكەن، پۇل قەرز ئېلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ھېچكىم توختام ئىمزالىمايتتى، ھازىر بىز بىرەر ئىشقا يولۇقساق شۇ ھامان خىزمەت ئەترىتىدىن ۋە پاتەمدىن  سورايمىز ھەمدە قانۇن بويىچە ئىش كۆرىمىز» دېدى كەنت ئاھالىسى ھۈسەن ماخمۇت.

  ھۈسەن ماخمۇت ئېتيقاندەك، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، كۈتلەم كەنتىدىكى ئاھالىلەر چوڭ-كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە قانۇن نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىدىغان، قانۇننى سۆزلەيدىغان بولدى. سۇغىرىش، قوشنىلار ئارسىدىكى كىچىك ماجىرالاردىن ئىشلەمچىلىك، ئەلئارا ئېلىم-بېرىمغىچە كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت سوراش، قانۇن ماددىلىرىنى ئاختۇرۇش، قانۇن ئۆگىنىش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسى كۈتلەم كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭ جياڭخۇا مۇنداق دېدى: بىز دېھقانلاردىن بىر تۈركۈم سوتچى ياردەمچىسى، «سۇدىيە مۇئەللىم» ياردەمچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ھەر بىر ئاممىغا يەتكۈزىمىز ھەمدە بىلىمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئۈلگە تۇرغۇزىمىز، كەسپىي ئەۋزەللىك، قانۇن-سىياسەتنى سۆزلەش، تېخنىكا ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

   كەلگۈسىدىكى ئارزۇلىرى ھەققىدە پاتەم تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسى بىلەن مۇنداق دېدى: مەن ئۆز تىرىشچانلىقىم بىلەن ھەققىي خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن.  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، بىلىم ئىگىلەش يولىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئالىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى