تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئىرىمچىك خولېستېرىننى ئۆرلەتمەيلا قالماي، يۈرەكنى ئاسرايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ھەممىمىزگە مەلۇم، ئىرىمچىك تەركىبىدە تويۇنغان ياغ بولغاچقا، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئىرىمچىك سېمىزلىك، يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە راستلا شۇنداقمۇ؟ فىرانسىيەنىڭ «كاپىتال» ناملىق ژۇرنىلىدا ئەڭ يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئىرىمچىكنىڭ ئەمەلىيەتتە سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

    ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىرىمچىكنىڭ يۈرەكنى قوغداش رولى بار ئىكەن. ئىرېلاندىيە سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىسى مەبلەغ سېلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن 164 ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمنى سىناققا تاللىغان، سىناققا قاتناشقۇچىلار ئۇدا ئالتە ھەپتە تويۇنغان ياغ تەركىبى مول ئىرىمچىكتىدىن كۈنىگە 120 گىرام يېگەن، باشقىلار تۆۋەن ياغلىق ئىرىمچىك يېگەن. تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئالدىنقىلارنىڭ خولېستېرىن سەۋىيەسى كېيىنكىلەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولغانلىقى بايقالغان. بۇنى بەلكىم «ئىرىمچىك ئاساسىي ماددىسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، تولۇق ياغلىق ئىرىمچىكنى تۆۋەن ياغلىق ئىرىمچىككە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە كالتسىي ماددىسى بەدەنگە تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرۈلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتىكى بايقاش ئىرېلاندىيەدىكى دۇبلىن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ئېمما فېننىينىڭ 2017-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن بىردەك چىققان بولۇپ، بۇلاردا تەركىبىدە تويۇنغان ياغ مول بولغان ئىرىمچىكنى يېگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ ئېشىپ كەتمەيدىغانلىقى دەلىللەنگەن. پىروفېسسور ئېمما فېننىي مۇنداق دېدى: كىشىلەر يېمەكلىكنىڭ تويۇنغان ياغ مىقدارى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبىگىلا دىققەت قىلماستىن، بەلكى يەنە يېمەكلىك ئاساسىي ماددىسى ۋە ئومۇمىي غىزالىنىش ئەندىزىسىنىمۇ ئويلىشىشى كېرەك. ئىرىمچىك يېيىشنىڭ پايدىسى بەلكىم تويۇنغان ياغ مىقدارى يۇقىرى بولۇشتىن كېلىپ چىققان سەلبىي تەسىرنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن.

   ئەمما ئىرىمچىك يېمەيدىغان كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەتقىقاتچىلار ئىرىمچىكنىڭ خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان ياكى تۆۋەنلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان. پىروفېسسور ئېمما فېننىي كىشىلەرگە كۈندە ئىرىمچىك يېيىشنى تەۋسىيە قىلمىغان بولۇپ، بىراق شۇنىڭ بىلەن تەڭ، كۈندە ئىرىمچىك يېيىشنىڭ بەدەنگە ھېچقانداق زىيىنى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى