شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىگىلىشىچە، مەكتەپ 2018-2019-يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدە جەمئىي 60 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، لۈگۇ مەكتەپ رايونىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا بۆلۈمىگە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، تەنتەربىيە، كومپيۇتېر، پسىخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر ئوقۇتقۇچىسىدىن 15 نەپەر، بېيمېن مەكتەپ رايونى (تولۇقسىز رايونى)غا ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئېنگىلىزتىلى، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، مۇزىكا، كومپىيۇتېر، پىسخولوگىيە قاتارلىق پەنلەر ئوقۇتقۇچىسىدىن 34 نەپەر قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 126-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز بۆلۈمى ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا(لابورانتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، خىمىيە(لابورانتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تەنتەربىيە، كومپىيۇتېر قاتارلىق پەنلەرگە جەمئىي 11 ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىدىكەن.
ياشىن تورىدىن ئېلىندى.