ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: سەككىز ئايدا 40 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى(قېتىم) ئۈرۈمچىگە كەلدى، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە ساياھەت «قىزىپ» كەتتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تارقاتقان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە جەمئىي 40 مىليون 300 ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋېلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %48.57 ئاشقان.
بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ قونۇپ ساياھەت قىلغانلار 13 مىليون 461 مىڭ 800 ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.27؛ بىر كۈنلۈك ساياھەتكە قاتناشقانلار 26 مىليون 351 مىڭ 400 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %58.36؛ چېگرىدىن كىرگەن ساياھەتچى 187 مىڭ 100 ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.48 ئاشقان.
ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 46 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %40.91؛ 617 مىليون يۈەن پېرىۋوت يارىتىلىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %4.03 ئاشقان.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 8-ئايدا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 4 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان، شېنمۇيۈەن مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 100 مىڭ ئادەم(قېتىم)غا يېقىنلاشقان، تۇزكۆل ساياھەت رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 50 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان.