خەلق تورى، سان فىرانسىسكو، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. «شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتى جۇڭگو كىنو بايرىمى» ۋە «ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو ــــ ۋۇخەن ھېكايىسىنى سۆزلەش» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى سان فىرانسىسكو باش كۈتۈپخانىسىدا باشلاندى.
«شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتى جۇڭگو كىنو بايرىمى»نى جۇڭگونىڭ سان فىرانسىسكودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بىلەن سان فىرانسىسكو باش كۈتۈپخانىسى قاتارلىق شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى يەتتە كۈتۈپخانا بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، كىنو بايرىمىدا جۇڭگونىڭ تاللانغان مۇنەۋۋەر 19 فىلىمى قويۇلىدۇ.
«ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو ــــ ۋۇخەن ھېكايىسىنى سۆزلەش» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونى، كىرىمنىي جىلغىسىدىكى توققۇز ئىنژېنېرنىڭ فوتوگراف سۈپىتىدە ۋۇخەنگە بېرىپ توپلىغان 100 پارچىدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسىرى تاللىنىپ قويۇلدى.
«شىمالىي كالىفورنىيە ئىشتاتى جۇڭگو كىنو بايرىمى» ۋە «ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو» تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
مۇھەررىر :
كامىلە ئابلىكىم
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/09/19 15:44
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.