ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جياۋ زۇچىڭ خەۋىرى، فوتوسى: تۇنجى نۆۋەتلىك «جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدىكى قىپقىزىل لازىلار مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا نامايان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆرۈرمەنلەرنى مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىلەندۈردى.
نۆۋەتتە، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدا تېرىلغان لازا كۆلىمى 40 مىڭ مودىن ئارتۇق بولۇپ، ھەرخىل سورتتىكى لازىلار مول ھوسۇل ئېلىندى. 15 مىڭ مو كېلىدىغان تەبىئىي چۆلدىكى قۇرۇتۇش مەيدانىغا يېيىتىلغان قىپقىزىل لازىلار بوشلۇقتىن قارىغاندا بەئەينى قىزىل گىلەمگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى.