تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

[بەخت كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ] چىۋەر قول، قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق گۈزەل ھايات يولىنى كەشتىلەش

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ نا خەۋىرى: چېن خۇي بىر ئاددىي دېھقان ئايال، ئۇ كەشتىچىلىكنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى كەسىپتە پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش جەريانىدا گەرچە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، يۇقىرىغا ئىنتىلىۋاتقان ئاچا-سىڭىللارغا يولۇققاندا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۇنۇتمىدى.

  چېن خۇي 9-ئاينىڭ 6-كۈنى شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كەشتىلەنگەن يېپىنچا، شارپا قاتارلىقلارنىڭ سۈرىتىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ بىردەمدىلا سېتىپ تۈگەتتى. توققۇز يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ كەشتىچىلىكتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىدى، كېيىن ئۇ قىزىقىشى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئاخىرى جىمىسار ناھىيەسىدىكى داڭلىق كەشتىچىگە ئايلاندى.

  چېن خۇي كەشتىچىلىكنى ئۆگىنىشتىن ئىلگىرى بىر ئاددىي دېھقان ئايال ئىدى، ئالدىراش ۋاقىتتا يەر تېرىپ، بىكار قالغاندا قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، قىشتا ئۆيىدە باشقىلارغا ئاياغ چەمى ئىشلەپ بېرىپ تۇرمۇشىغا خىراجەت قىلاتتى.

  2009-يىلى جىمىسار ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سۇجۇ كەشتىچىلىكى بويىچە ئۈچ ئايلىق تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. چېن خۇي بۇ كۇرسقا قاتناشتى.

  ئۈچ ئايلىق كۇرستا چېن خۇي قېتىرقىنىپ ئۆگەندى.

  ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. 2011-يىلى 10-ئايدا چېن خۇي سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق 10-نۆۋەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، قول ھۈنەر كەسپى بويىچە 3-بولدى، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ كەشتىچىلىك دۇكىنىمۇ ئېچىلدى.

  چېن خۇينىڭ سودىسى بارغانسېرى راۋاجلىنىپ شاگىرتلىرىمۇ كۆپەيدى، ئۇنىڭ دۇكىنىمۇ 20 كىۋادرات مېتىردىن كېڭىيىپ 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئاشتى، ئەسلىدىكى كەشتىچىلىك كىچىك دۇكىنى توقۇمىچىلىق شىركىتىگە ئايلاندى، شىركەتتە كىيىم-كېچەك، ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى قاتارلىق 50 نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار جىمىسار ناھىيەسىدە %90 تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىدى.

  چېن خۇي بېيىغاندىن كېيىن يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، چېن خۇينىڭ شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىيەتتىكى ئىشتىن قالغان ئايال ئىشچى، يېزىلاردىكى ئاياللاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق شاگىرتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا كەشتىچىلىك ھۈنىرىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 2018-يىلى 4-ئايدا شىركەت جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن 13 ئايالنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ھەقسىز ياتاق-تاماق تەمىنلەپ، كەشتىچىلىك، تىككۈچىلىك، تورلاش تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگەتتى.

    چېن خۇي مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، مەن ھازىر يەنىلا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن. مەن ئۆگەنگەن كەشتىچىلىك ھۈنىرىمنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۆگىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشنى ئويلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى