تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىشقا قەسەم قىلىمەن

  ئاتۇش شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تۇردىگۈل تاشبېك

  تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ‹‹ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن›› ئالاھىدە ۋەزىيىتىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت، مىننەتدارلىق، سادىقلىقنىڭ قەلب ساداسى ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە قانلىق جەڭ قىلىش ئىرادىسىنى تولۇق بىلدۈردى. بىز باشتىن – ئاخىر چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللىمىزنى ئىنتايىن سەگەك تۇتۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتىمىزنى ئىنتايىن قەتئىي قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتىمىزنى ئىنتايىن سەمىمىي قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ رەزىل مەقسىتىنى تولۇق، ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ۋەتىنىمىزنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇش، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ئاياغ – ئاستى قىلغانلىق، قانۇننىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، مەدەنىيلىك تەرتىپىگە ئېغىر خىرىس قىلغانلىقتۇر. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئادەم قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، يالغاندىن ھەققانىيەتچى بولۇۋالدى، كىشىلەرنىڭ كەينىدە ئالۋاستى بولۇپ، قارا قولىنى سوزۇپ، پارتىيەنىڭ ساغلام تېنىنى پىلە قۇرتىدەك غاجاپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاتىرجەم، ئىتتىپاق بولغان ۋەزىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. شۇڭا، بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ئۇلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس، پاك – پاكىز يوقىتىشىمىز كېرەك.

  مەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن – ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق قىلىپ، خەۋپ – خەتەردىن قورقماي، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىمەن، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولىمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشىغا باشلامچىلىق قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى ئاڭلىق ھالدا مەيدانىنى چىڭىتىپ، بايرىقىنى روشەن قىلىپ، مەردانىلىك بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى توسۇشقا، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەتەرلىك پەيتتە باتۇرلۇق بىلەن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۈشمەن ئۇنسۇرلارغا قارشى قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىشكە يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ئۆلۈكىنى قويىدىغانغىمۇ يەر قالدۇرمايمەن، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويىمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەر مىللەت ئاياللار، ئاچا – سىڭىللارغا شۇنداق دەيمەنكى، بىز چوقۇم قەلبىمىزگە مىننەتدارلىقنى پۈكۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، ئېتىقادتا مۇستەھكەم دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشىمىز، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان مەسئۇلىيەتچان ئاياللاردىن بولۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇنەۋۋەر ئاياللاردىن بولۇشىمىز، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياراملىق ئاياللاردىن بولۇشىمىز كېرەك. ئاچا – سىڭىللارنىڭ ‹‹ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمايدىغان›› روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىك، بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان رەزىل قولىنى كېسىپ تاشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز يېرىم دۇنيالىق رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئاكتىپ ھالدا پۈتۈن جەمئىيەتكە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى، مۇقىملىقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى تارقىتىشىمىز كېرەك. مەن پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، گۈزەل شىنجاڭنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەيمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى