تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  شايار ناھىيەسى شايار بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئابلىكىم مەمەت

  پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى باشتىن – ئاخىر جان تومۇر ۋە ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. غايە – ئېتىقادىمنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  ئۆز قۇرۇلۇشۇمنى كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتچان، ياراملىق بولىمەن. باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدار ۋە ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلەپ تەڭ ئەيىبلەيدىغان، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، دۈشمەنگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرىمەن. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، قاتتىق قول، پولاتتەك ئىنتىزام، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان، كۆرۈنۈشتە بىر خىل، ئاستىرتىن بىر خىل ئىش قىلىدىغان، سىياسىيدا ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلايمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، قەتئىي ئازراقمۇ كېمەيتمەي، سىياسەتتە قەتئىي شەكىلۋازلىق قىلماي، ھەر بىر خىزمەت، ھەر بىر ئىنچىكە ھالقىنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش، مەسئۇل بولىدىغان ئادەم بولۇش، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم كۆرۈلمىگىچە ھەرگىز بولدى قىلمايمەن.

  سىياسىي نىشاننى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئاكتىپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلبىم ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، سەمىمىيىتىم ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاكا – ئىنى، ئاچا – سىڭىللارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدايمەن.

  ئىقتىدارىمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى يېتەكلەيمەن ۋە قوزغايمەن. ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاقە باغلاپ، ئەلرايىنى، ئەل ئارزۇسىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق – تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئاڭلىق ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي، ياخشى، ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن، ئۇلارغا تايىنىمەن، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەن قىلىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى ئاڭلىق توسۇپ، زوراۋان – تېررورچىلارغا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى