خەلق تورى، ۋېللىنگتون، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ـــ شەندۇڭ ۋېيفاڭ لەگلەكلىرىنى ياساش ھەمدە ئۇچۇرۇش پائالىيىتى» يېڭى زېلاندىيەدىكى ۋېكتورىيە داشۆسى كۇڭزى شۆيۈەنىنىڭ قارىمىقىدىكى سامۇئېل مارىستون قىزلار مەكتىپىنىڭ كۇڭزى دەرسخانىسىغا كىرگۈزۈلدى. دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرى بولغان لەگلەكنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى گو خۇڭلى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى لەگلەك مەدەنىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى زېلاندىيەلىك ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگونىڭ قەدىمىي ھۈنىرىنى چۈشەندۈردى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت يېڭى زېلاندىيە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى يىل بويى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان 2019-يىل «جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ساياھەت يىلى»غا جۇڭگونىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت مەزمۇنلىرىنى كىرگۈزۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى زېلاندىيە خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل جەۋھەرلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ.