تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى شوربۇلاق ئوتتۇرا مەھەللىسىدە ھەرمىللەت ئاھالىلەر جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ‹‹ئىناق، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ... بىز ئىللىق قۇياش نۇرىدا ياشاۋاتىمىز...››. 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سۈيچۈەن يولى تەۋەلىك رايونى شوربۇلاق ئوتتۇرا مەھەللىسى قورۇسىدا تىيانشان رايونى ‹‹قىزىل ئەدەبىيات – سەنئەت يېنىك چەۋەندازلىرى›› ئەدەبىيات –سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئارتىسى گۈلمىرە ئورۇنلىغان ‹‹تىيانشان ناخشىسى›› نەق مەيداندىكى ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  قىزىق چاي، يۆبىڭ، مېۋە – چېۋە، ناخشا – ئۇسسۇل، شياڭشېڭ، چاڭچىلە – ئەلنەغمە... شۇ كۈنى، تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە – ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە شوربۇلاق ئوتتۇرا مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تىيانشان رايونى ‹‹ قىزىل ئەدەبىيات – سەنئەت يېنىك چەۋەندازلىرى›› ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئارتىسلىرىنى مەھەللىگە تەكلىپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن ئاھالە ليۇ ۋېنيىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: كىيىم – كېچەكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن باشقا، كەسپىي ئارتىسلاردەك گىرىم قىلدۇق! بۈگۈنكى بۇ نومۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان، ئۆزىمىز تەييارلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەممىسىنىڭ سېنارىيەسى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان ئىشلار، پارتىيەنىڭ ساداسى ۋە غەمخورلۇقى، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ھېكايىلىرى، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى... نومۇرلار ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆڭلىمىزدىكىنى ئىپادىلىدى.

  كۆپچىلىك يۆبىڭ يەپ مۇڭداشقاچ، سەھنىدىكى ئارتىسلارغا جور بولدى. ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتى ئېلىپ كەلگەن ناخشا ‹‹يېڭى دەۋرگە يول باشلاش››، يېڭىچە خۇاڭمېي چاڭچىلىسى ‹‹چۆمدى جۇڭخۇا شادلىققا، داڭقى يەتتى جاھانغا››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› خام ماتېرىيال قىلىنغان شياڭشېڭ ‹‹يەكۈنلەش، سۆزلىشىش، مەشىق قىلىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش›› ئاھالىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ‹‹خۇڭخۇ كۆلىدىكى قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتى››دىن ئارىيە تولىمۇ ئۆزگىچە ئورۇنلاندى؛ قىزغىن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭچيۇ بايرىمىلىق زېھىن سىناش پائالىيەتنى ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئارتىسى تۇ جېڭرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىدىكى نومۇرلارنى يەنە بىرنەچچە مەيدان ئورۇنلايمىز، ئىقتىدارىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىككە خۇشاللىق ئاتا قىلالىغىنىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى