تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 2018–يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، 2018–يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى:

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىغا ئورتاق تۈرتكەبولۇش كېرەك

  تەبرىك خېتى

  2018–يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى ئېچىلغان پەيتتە، مەن چىن كۆڭلۈمدىن قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن! يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس – ئالىملار، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن!

  يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىل دۇنيا مىقياسىدا جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقىل قانۇن، بىخەتەرلىك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەخلاق – ئېتىكا ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئورتاق ئىزدىنىشىگە موھتاج. جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەقلىيلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە شەھەر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەمەلىي قوللىنىش بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. مەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ‹‹سۈنئىي ئەقىل يېڭى دەۋرگە ئېنېرگىيە قوشىدۇ›› دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2018–يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2018 – يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2018 – يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى شاڭخەيدە ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ،يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇتەخەسسىس – ئالىملار، كارخانىچىلار قاتارلىق ھەر ساھە زاتلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىل دۇنيا مىقياسىدا جۇش ئۇرۇپ ئەۋج ئېلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقىل قانۇن، بىخەتەرلىك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەخلاق – ئېتىكا ۋە ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تېمىلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئورتاق ئىزدىنىشىگە موھتاج. جۇڭگو سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق قوغداش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇ، سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئەمەلىي قوللىنىش ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەقلىيلىشىش سەۋىيەسىنى كۈچلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە شەھەر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىدۇ. جۇڭگو تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەمەلىي قوللىنىش بازىرى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. مەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ ‹‹سۈنئىي ئەقىل يېڭى دەۋرگە ئېنېرگىيە قوشىدۇ›› دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى چياڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى بىزنىڭ سۈنئىي ئەقىلنىڭ تېز، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شاڭخەي دۇنياغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش نەزەرى بىلەن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىت يارىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سۈنئىي ئەقىلدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەدبىر مەنبەسى، ئەمەلىي قوللىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈزۈم بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ خې ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەخسۇس تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەنلىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ۋە سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئېھتىياج يۆنىلىشى سودا ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، بازاردا ئەمەلىي قوللىنىش ئۇل نەزەرىيە ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا مەجبۇرلايدىغان ئۆزگىچە تەرەققىيات يولىدا تەدرىجىي ماڭدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئېھتىياج ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۈچەيتىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، سۈنئىي ئەقىلنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  2018 – يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقىل يىغىنى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىغىننى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئالاقە تور ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى ۋە شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان. 40قا يېقىن دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن مۇتەخەسسىس – ئالىم، كارخانىچى قاتارلىقلار سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپى، كەسىپ يۈزلىنىشى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ سۆھبەتلىشىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى 200دىن ئارتۇق باشلامچى كارخانا مۇنبەر ۋە كۆرگەزمە پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.