تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىغۇچىسى، مۇھاپىزەتچىسى بولۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جايلار، ئورۇنلار زىچ ماسلاشتى، بولۇپمۇ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم باتۇرلۇق بىلەن باشلامچىلىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ مۇقىملىقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن كۈز، قىش پەسلىدىكى ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا بوران، مۆلدۈر، قارا يامغۇر قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ناچار ھاۋارايى كۆرۈلۈش ۋە كەلكۈن، لاتقا – شېغىللىق ئېقىن، تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سەل قاراشقا، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشتە چىڭ تۇرۇشى، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسى، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە مەشىقنى ياخشى قىلىپ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش كاپالىتىنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ سۇ مەنبەسىنى ئىلمىي تەڭشەپ، شەھەر – يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى، خادىملارنى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قەتئىي ھالدا ياخشى، پۇختا ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئىشخانىسىدىكى بارلىق ئەزالار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى