تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئامما، ئوقۇغۇچىلار، ھەممەيەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيىتىنى گەۋدىلىك تەكىتلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا توغرا سىياسىي يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنىڭ ئەڭ نېگىزى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلگەنلىكىدە. ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

    پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، ئاۋۋال ئىدىيەۋى – سىياسىي رەھبەرلىكتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇشىمىز، دۆلەت قۇرۇشىمىزنىڭ تۈپ يېتەكچى ئىدىيەسى، جەزمەن باشتىن – ئاخىر ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنى باشقۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان كۈچلۈك بازىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئادەم بار بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، جەزمەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىدىغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلايدىغان ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش كېرەك. بىزنىڭ بەرپا قىلىدىغىنىمىز سوتسىيالىستىك مائارىپ، جەزمەن مائارىپنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

  پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشى، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى مائارىپنى پىششىق بىلىشى، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى، مائارىپنى تەتقىق قىلىشى كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش – ئاشۇرۇلماسلىقى مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيە تەشكىلى سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولغان – بولمىغانلىقىغا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى تۇتۇلغان – تۇتۇلمىغانلىقىغا باغلىق، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ماھارەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى مەكتەپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى، مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۇنى جەزمەن چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت ھەرگىزمۇ نوقۇل بىر لىنىيەدىكى خىزمەت ئەمەس، بەلكى ھەر تەرەپلىمە، ھەممە جايدا، ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يۇغۇرما، گىرەلەشمە، سىڭدۈرمە شەكىلدىكى خىزمەت بولۇپ، ئىككى ياقلىمىلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت ئىشلەشنى بىلىدىغان سىياسىي خىزمەت قوشۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈپ ۋە تەشكىللەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى دائىم ئىشلەش، شەخسكىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى جايىدا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

   جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلارغا، مائارىپقا تايىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرساق، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرساقلا، بىز چوقۇم سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك سىياسىي كاپالەت ۋە كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى