تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختىلاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

  پاراللېل سىزىق بىلەن مېردىيان سىزىقنى زىچ گىرەلەشتۈرۈپ، شەھەرنى ئورتاق ئىدارە قىلىش

  شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى دۇڭ يېبو،جۇ خۇي

  بۇ يىل 5 – ئايدىن باشلاپ، 70 ياشتىن ئاشقان خۇا جياڭمىڭ ئۆزىگە بىر يېڭى قائىدە تۇرغۇزدى: ھەر كۈنى بورتالا شەھىرى نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسى نەنچېڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى – ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ ‹‹تىزىمغا ئالدۇرۇپ›› گېزىت ئوقۇش، ‹‹مىكرو پارتىيە دەرسى›› ئاڭلاش. خۇا جياڭمىڭ مۇنداق دېدى: مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى بىزنى مۇشۇنداق ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى، ياشىنىپ قالغان بولساممۇ، يېڭى بىلىم، يېڭى ئىدىيەلەرنى ئاكتىپ ئۆگىنىمەن.

  خۇا جياڭمىڭ بوۋاي تۇرۇشلۇق مەھەللىنىڭ ئىلگىرىكى ئىشخانا كۆلىمى 200 كىۋادرات مېتىر ئىدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بورتالا شەھىرى مەھەللىگە 800 كىۋادرات مېتىرلىق مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى – ئامما مۇلازىمەت مەركىزى سېلىپ بەردى. نەنچېڭ مەھەللىسىنىڭ 1 – شۇجىسى شۈ ۋېي مۇنداق دېدى: بىز فۇنكسىيەنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەتنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئىللىق، كۈچلۈك، چوڭقۇر شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنى كېلىشنى خالايدىغان، ئولتۇرالايدىغان، تۇتۇپ قالالايدىغان قىلدۇق.  

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بايلىقىنى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، رايوندا بىللە تۇرۇش، ئورتاق قۇرۇشنى توغرا يۆنىلىشتە گەۋدىلەندۈرۈپ، ساھەلەر يېتەكلەش، بۆلەكلەر ھەمتۈرتكە بولۇشقا تىك يۆنىلىشتە ئەھمىيەت بەردى. پاراللېل سىزىق بىلەن مېردىيان سىزىقنى زىچ گىرەلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

   فۇنكسىيەلىك تارماقلار تۆۋەنگە خادىملارنى ئەۋەتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى

  يېقىندا بورتالا شەھىرى نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسى نەنخۇ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر خۇشال ھالدا مۇنۇلارنى بايقىدى: دائىم دېگۈدەك توسۇلۇپ قالىدىغان ئەۋرەز يولى راۋانلاشتى، مەيدان ئۇسسۇلى مۇزىكىلىرىنىڭ ئاۋازى پەسەيدى، ئوڭغۇل – دوڭغۇل يوللارمۇ تۈزلىنىپ قالدى...

  بۇ، نەنچېڭ رايونى كوچا باشقارمىسىنىڭ ‹‹ئاھالىلەر سۆھبەتلىشىش ئاخشىمى›› پائالىيىتىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھەر چارشەنبە كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، ناھىيە دەرىجىلىك بىر رەھبەر، كوچا باشقارمىسى بەنزىسىنىڭ بىر ئەزاسى، مەھەللىنىڭ ئىككى خىزمەتچى خادىمى بىللە بىنالارنى ئارىلاپ ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئاھالىلەرنىڭ پىكىر – تەلەپلىرىنى ئاڭلىدى، ‹‹ئاددىي مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا بېجىرىش، ئايرىم مەسىلىلەرنى بىرلىشىپ بېجىرىش، ئورتاق قىيىن مەسىلىلەرنى رەھبەرلەر باشلامچى بولۇپ بېجىرىش›› پىرىنسىپى بويىچە، ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا توپلىغان خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى خاتىرىلەپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىنكاس قىلىنغان ھەر بىر مەسىلە، ھەر بىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بورتالا شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى يىن لۇ مۇنداق دېدى: بېجىرىش نەتىجىسى مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى بويىچە باھالىنىپ، شەھەردىكى فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ تۆۋەنگە خادىملارنى ئەۋەتىشىگە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

    بورتالا شەھىرىدىكى ھەر بىر كوچا باشقارمىسىدا تۆتتىن ئارتۇق يولداش پارتىيە قۇرۇلۇشىنى مەخسۇس تۇتۇپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىغا تولۇق ‹‹ھوقۇق بەردى››، يەنى، رايوندا تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ھوقۇقى، گۈللەنمە تەشكىلاتلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى بەردى، ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى كادىرلارنى تەيىنلەشتە كوچا باشقارمىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى، رايوندا تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەردە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتىدى، يىل ئاخىرىدىكى باھالاشتا كوچا باشقارمىسى، مەھەللە نومۇر قويدى.

   پۇقرالارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى ئۆستى

  8 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، بورتالا شەھەرلىك تېڭبو ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت كۈنى ئىدى. تېڭبو شىركىتى پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى ئون نەچچە پارتىيە ئەزاسى چاۋياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، خېرىدارلىرىنىڭ يەردىن ئىسسىيدىغان پار تۇرۇبىسىنى ھەقسىز تازىلاپ بەردى. ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ خىزمەت فورمىسى بىردەمدىلا تەردىن ھۆل بولۇپ كەتتى، بىراق كۆپچىلىك جاپادىن قورقماي، كۆڭۈل قويۇپ تازىلاپ، خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. شىركەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قان تەقدىم قىلدى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، پاراۋانلىق ئورنىغا بېرىپ ھال سورىدى. شىركەت يەنە ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ھەپتىلىك نۆۋەتچىلىك شەرەپ تاختىسى›› تەسىس قىلىپ، ھەپتىلىك نۆۋەتچى پارتىيە ئەزالىرىدىن ئۆز خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بۇنداق ئەھمىيەت بېرىشى بورتالا شەھىرىدە قىسمەنلىك ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى ساھە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى شەھەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە چىڭ تۇتتى. بورتالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈنشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شەھەر، كوچا، مەھەللە، كاتەكچىدىن ئوخشاش بولمىغان رادىيوستىكى تۆت مېردىيان سىزىقنى، ساھە سىستېمىسىدىن نۇرغۇن پاراللېل سىزىقنى شەكىللەندۈرۈپ، مېردىيان سىزىق بىلەن پاراللېل سىزىقنى گىرەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىسى ۋە ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقتۇق.

  پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قانداق تۇتۇش كېرەك؟ مۇھىمى ئاچقۇچلۇق كىشىلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بورتالا شەھىرى دۆلەت مۈلكى، مائارىپ، سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت، تەمىنات – سودا قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ساھە سىستېمىسىدا، دىرېكتور، ئىدارە باشلىقى، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە كەسپىي خىزمىتىنى ئىككى 100 نومۇرلۇق تۈزۈم بويىچە تەكشۈرۈپ باھالاشنى يولغا قويدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەنلەر يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈپ باھالاشتا لاياقەتسىز بولدى!

   بورتالا شەھەرلىك سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلگىرى شەھەرلىك سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى شەھەردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن باشقۇراتتى، ھازىر، ماس قەدەمدە پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

   تەشكىلىي تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قارشى ئېلىندى

  ‹‹<تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش> دېگەن نېمە؟ باج – ھەق ئىسلاھاتى بىزدەك بۇنداق كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟›› بورتالا شەھىرى دوستلۇق سودا چەمبىرىكى پارتىيە ياچېيكىسى ئۆتكۈزگەن مالىيە – ئىقتىساد دەرسخانىسى نۇرغۇن ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  ياش پارتىيە ئەزالىرى كۆپ بولۇش، ئەنئەنىۋى تەشكىلىي تۇرمۇش قارشى ئېلىنماسلىق... گۈللەنمە ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ بورتالا شەھىرى دوستلۇق سودا چەمبىرىكى پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ‹‹تور››غا كۆچۈرۈپ، كارخانا، سودىگەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، ئۈندىدار توپىدا ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى تەشكىلىي تۇرمۇشنى قەرەللىك ئېلان قىلدى، ھەرقايسى پارتىيە كىچىك گۇرۇپپىلىرى قىزىقىدىغان پائالىيەت پىلانىنى ئۆزى تاللاپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئۆز ئالدىغا پىلانلاپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  دوستلۇق سودا چەمبىرىكى پارتىيە ياچېيكىسى دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، باج ئىشلىرى، سودا – سانائەت، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، پۇل مۇئامىلە، سودا ئۇچۇرى قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئۆمەك شەكلىدە مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن پائالىيەت بېكىتتى. ‹‹كىنو شەھەرچىسى خادىم قوبۇل قىلىش، ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نۇرغۇن يېتەكچىلىكىگە ئېرىشتى.›› دوستلۇق كىنو شەھەرچىسى بورتالا تارمىقىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يۈ بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى.

   ئۈچ يىلدىن بۇيان، دوستلۇق سودا چەمبىرىكى پارتىيە ياچېيكىسى قانۇن مۇلازىمەت ئۆيى، مېھىر – شەپقەت پونكىتى قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەت پونكىتى، نۇقتىسىدىن ئوننى، ‹‹پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئىش ئورنى››دىن 12نى تەسىس قىلىپ، يەككە تىجارەتچىلەر ئارىسىدا ‹‹پارتىيەلىك سەمىمىي تىجارەتچى››دىن 11نى بېكىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى