تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساياھەت كەسپى ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

  ئاپتونوم رايون ھەرىكەت يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۈنشيا، پىراكتىكانت ساڭ خۇڭيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2020 – يىلىغىچە)››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  يىرىك پىلاندىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئېھتىياج يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ساياھەت تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىشنىڭ ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، سەيلە – ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ساياھەت ئامىللىرى ساھەسىگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، 2018 – يىلى 10 مىڭ كىشىنى، 2019 – يىلى 40 مىڭ كىشىنى، 2020 – يىلى 50 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلارنى قوبۇل قىلىشتىكى مۇھىم يولغا ۋە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹يەتتە بىر تۈركۈم›› تەدبىرى ئارقىلىق كۆپ يول بىلەن ساياھەتچىلىك ئىش ئورنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. شەھەر – بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساياھەتچىلىكتە ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ساياھەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنىڭ ساياھەت ماھارىتى بويىچە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پايدىسىنى تولۇق تارقىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى