گۇاڭياڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى 9–ئاينىڭ 17-كۈنى جىيۇۋجوۋ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قانۇن بىلىملىرىدىن لېكسىيە سۆزلىمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېزىلاردىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، خېبېي ئۆلكىسى لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ گۇاڭياڭ رايونى مەكتەپلەردە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش كىچىك دەرسخانىسى» ئېچىپ، قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى بىلەن پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلدى.