تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

مۇزىكا ئاڭلىغاندا توخۇ ئەت ئۆرلىسە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، مۇزىكا ئاڭلىغاندا توخۇ ئەت ئۆرلەش بولسا ساغلام تۇرمۇش ھالىتى ۋە خۇشال روھىي ھالەتنىڭ بىر خىل ئاكتىپ ئىپادىسى ئىكەن.

    بۇ يىل يازدا خارۋارد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى  مارتىئۇ ساكس بىلەن ئوكسفورد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى روبىن مۇرفى Barclaycard دەپ ئاتىلىدىغان تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ نەق مەيداندا مۇزىكا ئاڭلىغاندىكى ئىنكاسىنى باھالاپ چىققان. سىناققا قاتناشقان 100 كىشى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسىنى تاقاپ، رېئادىنگ لىدس مۇزىكا بايرىمىنى كۆرگەن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسىنى تەھلىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرقاتار پىسخىكىلىق سىناقلار ئارقىلىق مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا «توخۇ ئەت ئۆرلەش» نى باشتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، توخۇ ئەت ئۆرلەشنىڭ بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەھلىل قىلغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %55 ئەنگلىيەلىك نەق مەيداندا بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى كۆرسە توخۇ ئەت ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ خىل ئىنكاس ئەڭ ئاسان كۆرۈلىدىغان پەيت مۇزىكا باشلانغان تۇنجى مىنۇت ئىچىدە بولىدىكەن. ئاياللار نەق مەيداندا ئورۇندالغان مۇزىكىلارغا تېخىمۇ ئاسان ھېسسىيات ئىنكاسى قايتۇرىدىكەن، سىناققا قاتناشقان %55 ئايالدا توخۇ ئەت پەيدا بولغان، ئەمما ئەرلەرنىڭ بۇ نىسبىتى ئارانلا %46 بولغان. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھېسسىيات جەھەتتە ئاسانلا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ توخۇ ئەت ئۆرلەيدىغان ئادەملەر باشقىلار بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەم مۇناسىۋەت ئورنىتالىشى مۇمكىن ئىكەن، ئۇلار پۈتۈن ئۆمرىدە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلمىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ ساغلام بولىدىكەن.

    تەتقىقاتچىلار نەق مەيداندا مۇزىكا ئورۇندالغان چاغدا توخۇ ئەت ئۆرلەيدىغان كىشىلەر ئارىسىدىكى %66 ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولىدىغانلىقىنى، توخۇ ئەت ئۆرلىمەيدىغان ئادەملەردە بۇ نىسبەتنىڭ %46 بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. مۇزىكا ئاڭلاش جەريانىدا ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم توخۇ ئەت ئۆرلەيدىغان ئادەملەر ئۆزىنى «كىشىنى خۇشال قىلىدىغانلار» دەپ تەسۋىرلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل ئىنكاس كۆرۈلگەن ئادەملەر ئۆزىنى ئۈمىدۋار، ئومۇمىي سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى دەپ قارايدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئوكسفورد داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىسى روبىن مۇرفى بۇ تەتقىقات ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ توخۇ ئەت ئۆرلىگەندە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېچىپ بەردى. مەلۇم بولغان ئىسپاتلاردا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋە توخۇ ئەت ئۆرلەشنىڭ پۈتكۈل بەخت تۇيغۇمىز ۋە كەيپىياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن».

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى