كىشىلەر 9-ئاينىڭ 17-كۈنى يېقىنقى زامان ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدا نەشر قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋشىڭ شەھىرى پائال ئالغا سۈرگەن يېقىنقى زامان ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى نەچچە يىل ئېلىپ بېرىلغان ئالدىنقى مەزگىللىك مەشغۇلات نەتىجىسىدە نۆۋەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئەدەبىيات ئەسەرلەر توپلىمىدىكى شېئىر ۋە نەسىرلەرنىڭ تۇنجى بۆلۈملىرى مۇشۇ ئايدا، مائارىپ ۋە سەنئەت توپلىمىنىڭ تۇنجى بۆلۈملىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا دۇنيادىكى 1840-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان جۇڭگو يېقىنقى زامان ئەدەبىيات ئەسەرلىرى توپلىنىپ ھەمدە قايتىدىن رەتلىنىدىغان بولۇپ، ئەسەرلەر ئەدەبىيات، ئىقتىساد، سىياسەت، مائارىپ، سەنئەت ۋە ھەربىي ئىشلار قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن، قۇرۇلۇش 8~10 يىلغىچە تاماملىنىدىكەن.