تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر

    ئاياللار كىيىدىغان پايپاق (سۈرەتتىكىدەك)نى توڭلىتىش ئارقىلىق ئاسان يىرتىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
    ئاياللار پايپاق سېتىۋالغاندا پېچىتىنى بۇزمايلا بىۋاسىتە توڭلاتقۇغا سېلىپ، بىر-ئىككى كۈن توڭلىتىۋېلىپ ئاندىن كىيسە پايپاقنىڭ چىدامچانلىقى ئېشىپ، ئاسان يىرتىلىپ كەتمەيدۇ.

     يېڭى گۈل تەشتىكىنى ئالدى بىلەن سۇغا چىلىۋېتىپ ئاندىن گۈل كۆچۈرۈش
    فارفوردىن ياسالغان يېڭى تەشتەكنى ئاۋۋال سۇغا چىلاپ ئىشلەتمىگەندە، تەشتەك توپىدىكى نەملىكنى ئۆزىگە سۈمۈرۈۋېلىپ گۈلنىڭ قۇرۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يېڭى تەشتەكنى ئاۋۋال سوغۇق سۇغا 20 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ ئاندىن گۈل كۆچۈرۈش كېرەك.

    چاچ قۇرۇتقۇچ ئارقىلىق چاڭ-توزان تازىلاش
    نۇرغۇن كىشىلەر چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ باشقا رولى بارلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. مەسىلەن، سۈنئىي گۈلنى بىر مەزگىل تىزىپ قويغاندىن كېيىن توپا بېسىپ قالىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چاچ قۇرۇتقۇچنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ گۈلنى تازىلاش مەقسىتىگە يېتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇنچىدىكى ئەينەك يۈزىنىڭ ھوردىلىپ قالغانلىقىنى بايقايمىز، بۇ ۋاقىتتا چاچ قۇرۇتقۇچ ئارقىلىق ئەينەك يۈزىدىكى ھورنى قۇرۇتساق بولىدۇ.

«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئۈندىدار سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى