شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىنىڭ شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى تاموژنىسى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورتىغا «يېشىل يول» ئېچىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، شىنجاڭ تاموژنىسىدا 257 مىڭ 400 توننا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى ئېكىسپورت قىلىنىپ، 2 مىليارد 136 مىليون يۈەن تاشقى سودا قىممىتى يارىتىلدى، بۇ بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %2.32 ۋە %0.18 ئاشتى.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ تاموژنىسىدىن ئاساسلىقى ئالما، پەمىدۇر قىيامى، شاپتۇل، يېشىل چاي، ياڭاق قاتارلىقلار ئېكىسپورت قىلىنغان، ئۇلارنىڭ جەمئىي ئېكىسپورت مىقدارى 179مىڭ 500 توننا، قىممىتى 1 مىليارد 402 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئوخشاش مەھسۇلات ئېكىسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %69.74ىنى، ئومۇمىي قىممەتنىڭ %65.64ىنى ئىگىلىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى خىزمەت زالىدا مەخسۇس كۆزنەك ئېچىپ، تەلەپكە ئۇيغۇن ئېكىسپورت قىلىنىدىغان مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ساقلاش، قاچىلاش، توشۇش، تاموژنىدىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش خىزمىتىنى تېزلەشتۈرگەن.
ياشىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى