خەلق تورى خەۋىرى: شەندۇڭ ئالەم قاتنىشى ئېلېكترون تېخنىكا تەتقىقات ئورنى بىلەن گېرمانىيە باۋارېيە ئىشتاتى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلغان ئۈچ مىكرو سۈنئىي ھەمراھنىڭ لايىھەلەش خىزمىتى تاماملىنىپ، ياساش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇ شەندۇڭدىكى تۇنجى مىكرو سۈنئىي ھەمراھ جۇڭگو، چەت ئەل ھەمكارلىق تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل مىكرو سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئېغىرلىقى 5000 گىرام بولۇپ، ئالەم بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن سەپ تۈزۈپ ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۈنئىي ھەمراھ تورى شەكىللەندۈرۈپ، يىراقتىن ئالاقىلىشىش ۋە 3Dلىق يەر شارى كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە تاماملايدۇ.
مىكرو سۈنئىي ھەمراھى 10 مىڭ گىرامدىن كىچىك، ئەمەلىي ئىشلىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرى، يېڭى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە، مىكرو سۈنئىي ھەمراھى ھەجىمى كىچىك، قۇۋۋەت سەرپىياتى تۆۋەن، ياساش ۋاقتى قىسقا بولۇش، سەپ تۈزۈپ تور شەكىللەندۈرۈش، تۆۋەن تەننەرخ بىلەن نۇرغۇن مۇرەككەپ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن پەن-تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئە ۋە سودا ساھەسىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.