تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ماناس نان ـ مەززىلىك تائاملار كوچىسى» رەسمىي تىجارەت باشلىدى

  ياشىن تورى خەۋىرى: نان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەكلىكى، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشغا ئەگشىىپ، «كىچىك نان» شىنجاڭنىڭ «يېمەك-ئىچمەك ئىسىم كارتىسى» بولۇپ قالدى. ماناس ناھىيەسى جۇڭخۇا بىيۈ باغچىسىدىكى «نان ـ مەززىلىك تائاملار كوچىس»دا 9-ئاينىڭ 16-كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلاندى، نەق مەيداندا ناغرا-سۇناي ئاۋازى ياڭرىدى، نان دۇكىنىنىڭ ئالدىدىكى خېرىدارلار ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەتتى.

  ماناس ناھىيەلىك دۆلەت مەبلەغ  سېلىش گۇرۇھى شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان «نان ـ مەززىلىك تائاملار كوچىسى» ئالاقىدار ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاپ، مەزكۇر ناھىيە-بازار ئىچىدىكى بارلىق ناۋايخانىلارنى بۇ كوچىغا كۆچۈرۈپ كىردى. «نان-مەززىلىك تائاملار كوچىسى» ئۆلچەم بېكىتىپ، يېقىلغان نانلارنىڭ تاللا بازىرىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان بولۇپ، بۇ كوچىنىڭ تىجارەت باشلىشى ناننى باش تېما قىلغان ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك كەسپى تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «نان-مەززىلىك تائاملار كوچىسى»غا 17 ناۋايخانا كۆچۈپ كىرگەن بولۇپ، 200دىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى تەمىنلەنگەن. بۇ كوچىدا ھەر كۈنى 20 خىل، 15 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىلىپ، مەزكۇر ناھىيە، شىنجاڭ ۋە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىكەن، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 15 مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى