تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالا ئېمىتكەن ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئانا سۈتى بوۋاقلار ئۈچۈن ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدىغان قىممەتلىك تاماق ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بالا ئېمىتكەندە ئانىنىڭ يۈرىكى ئاسراشقا ئېرىشىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

    ئامېرىكا پىتتسبۇرگ داشۆسى تەتقىقاتچىلىرى بالا ئېمىتىشنىڭ يۈرەك ئاسراش رولىغا قارىتا تەھلىل ئېلىپ بارغان. ئۇلار 1998~2004-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىچگان ئىشتاتىدىكى 50 تىن ئارتۇق ئامبۇلاتورىيەدىن 678 ئايالنى يىغىپ بۇ قېتىملىق سىناققا قاتناشتۇرغان. بۇ ئاياللار سىناققا قاتناشقان چاغدا ھامىلىدار ئىكەن، شۇنداقلا ئۇلار 7~15 يىلدىن كېيىن يەنە سالامەتلىك باھالاشقا قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئاياللارنى ئەزەلدىن بالا ئېمىتمىگەنلەر گۇرۇپپىسى (157 ئادەم)، تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىش مەزگىلى ئالتە ئايغا توشمىغانلار گۇرۇپپىسى (284 ئادەم)، تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىش مەزگىلى ئالتە ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغانلار گۇرۇپپىسى (133 ئادەم)، دەپ  ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان. تەتقىقاتچىلار ئۈچ گۇرۇپپىدىكى ئاياللارنىڭ قان بېسىمى، خولېستېرىن سەۋىيەسى، ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى، بويۇن ئارتېرىيەسىنىڭ دىيامېتىرى ۋە قېلىنلىقىنى باسقۇچلۇق ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى باھالاپ چىققان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان بېسىمى نورمال بولغان، تۇغۇتتىن كېيىن بالا ئېمىتىش مەزگىلى ئالتە ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولغان ئاياللارنىڭ 7~15 يىلغىچە بولغان تەتقىقات مەزگىلىدە ياخشى خولېستېرىن سەۋىيەسى روشەن ئاشقان، ترى گلىتسېرىد سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن بولغان، بويۇن ئارتېرىيە دىيامېتىرى ۋە قېلىنلىقى ئۆلچەملىك بولغان، ئەمما بالا ئىمىتمىگەن ئاياللارنىڭ چوڭ ئارتېرىيە قېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بالا ئېمىتكەن ئاياللاردىن بەش ھەسسە يۇقىرى چىققان.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھاسىل بولغان سۈت ئانا تېنىدىكى ئوكسىتوتسىن ھورمونىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ، يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى مېتابولىزم ئۆزگىرىشلىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بىراق، بالا ئېمىتىشنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان بېسىمى بولغان ئاياللارنىڭ يۈرەك قان تومۇرى ساغلاملىقىغا قارىتا روشەن پايدىسى بولمايدۇ.

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى