تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بۇ نەرسىلەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكەندە...

     چوكا
     چوكىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە چوكىدا ھەر خىل زىيانلىق باكتېرىيەلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بامبۇكتىن ياكى ياغاچتىن ياسالغان ئادەتتىكى چوكىلارنى 6~3 ئايغىچە ئىشلەتسە مۇۋاپىق؛ مېتالدىن ياسالغان چوكىلارنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى سەل ئۇزۇنراق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، چوكىنى قەرەللىك ھالدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

    تەرەت تۇڭى چوتكىسى
    تەرەت تۇڭى چوتكىسىنى ئىشلەتكەنسېرى چوتكا تۈكىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر چوتكا تۈكى ئازلاپ كەتكەن بولسا بۇ تەرەت تۇڭى چوتكىسىنى ئىشلىتىش مۇددىتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان تەرەت تۇڭى چوتكىسىنىڭ تۈكى چۈشۈپ، كىرلارنى ئۆزىگە ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇنداق بولغاندا چوتكىدا ئاسانلا باكتېرىيە پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، تەرەت تۇڭى چوتكىسىنى ئالتە ئاي ئەتراپىدا ئىشلەتسە مۇۋاپىق.

     قاچا يۇيۇش لاتىسى
   قاچا يۇيۇش لاتىسىنى پاكىز تازىلىمىغاندا سالامەتلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرخىل باكتېرىيەلەر پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا، قاچا يۇيۇش لاتىسىنى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى