ياشىن تورى خەۋىرى. 9-ئايدىكى شىنجاڭدا بىپايان ئېتىزلىقلار رەسساملارنىڭ سېرىق، يېشىل، قىزغۇچ قارامتۇل رەڭلەردىكى رەسىم رەختلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نەچچە ئايلىق جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق، دېھقانلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئۇلار جەنۇبتىن شىمالغىچە، شەرقتىن غەربكىچە تۈرلۈك «شىنجاڭ سوۋغاتلىرى» نى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن تەييار قىلىدۇ.
مول ھوسۇل پەسلىدىكى تۈرلۈك رەڭلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆرسىتىدۇ. (سۈرەتنى جاڭ بىڭچيەن تەمىنلىگەن)
گۈزەل شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەر «شىنجاڭ سوۋغاتلىرى» دىن سېتىۋېلىپ، ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى خام ماتېرىيال قىلغان تۈرلۈك سوۋغاتلارنى ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن سېتىۋالغاندىلا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن گەۋدىلىنىدۇ، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولىدۇ، ئەسلى تەمى ساقلانغان بولىدۇ، شۇڭا ئىزچىل مەملىكىتىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلگەن.