سېمىزلىك ياشانغانلاردا 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، كۆپ خىل راك كېسىلى، گىلائوكوما قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بالدۇر قازا قىلىش خەۋپىنى چوڭايتىۋېتىدۇ. «ئامېرىكا خەۋەرلىرى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» تورىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ياشانغانلارنىڭ ئىلمىي ئورۇقلىشىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئالتە نۇقتا ئېلان قىلىنغان.
1. ئۈچ ۋاخ تاماقتا كالورىيە قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش. يەنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
2. يۇقىرى ئاقسىللىق ناشتىلىق يېيىش. مەسىلەن، سۈت، تۇخۇم قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.
3. ھاراق ئىچمەسلىك. ھاراق ئىشتەي ئاچىدىغان بولۇپ، يېمەكلىك نورمىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.
4. كۈچ مەشىقى ۋە ئوكسېگىنلىق مەشىق ئېلىپ بېرىش كېرەك. يەنى، ئاستا يۈگۈرۈش، ئاستا مېڭىش، ۋېلىسپىت مىنىش، ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار.
5. كۆپ يەۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
6. ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ياشانغانلار يەتتە سائەتتىن كۆپ ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى