تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

2-نۆۋەتلىك لىجى خەلقئارا كىنو بايرىمى ئىسپانىيەدە باشلاندى

بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمىنىڭ باش ئەلچىلىرى—دۆلىتىمىزنىڭ ئايال ئارتىسى چى شى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ئايال ئارتىسى ئادرىئاننا ئۇگارت

    خەلق تورى، مادرىد، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى. شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە كىنو جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، مادرىد جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2-نۆۋەتلىك لىجى خەلقئارا كىنو بايرىمى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان كىنو ۋە قىسقا فىلىملىرىدىن بولۇپ 20 فىلىم ئىسپانىيە ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
    لىجى خەلقئارا كىنو بايرىمى 2017-يىلى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونادا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ، 2-نۆۋەتلىك لىجى خەلقئارا كىنو بايرىمىنىڭ تۇنجى قېتىم مادرىد، بارسېلونادىن ئىبارەت ئىككى جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك كىنو بايرىمى سەككىز كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە مادرىد ۋە بارسېلونادا خەنزۇتىلىدىكى «90-يىللاردىكى مۇھەببەت» باش تېما قىلىنغان ئالتە كلاسسىك فىلىم، توققۇز ھازىرقى زامان كىنو ئەسەرلىرى ھەمدە بەش ھازىرقى زامان قىسقا فىلىمى قويۇلىدىكەن.
    بۇنىڭدىن باشقا، كىنو بايرىمى مەزگىلىدە يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ رېژىسسور، ئارتىس، كىرىشتۈرگۈچىلىرى قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنىپ، تاماشىبىنلار، كىنو مەستانىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە مۇزاكىرە قىلىپ، جۇڭگو - ئىسپانىيە كىنولىرىنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى