تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بىر جۈپ ئاق قۇ كورلىغا ئۇچۇپ كەلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز (مۇخبىر جى شياۋجېن، ياڭ كۇن) : 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، كۆنچى دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىدىكى كۆۋرۈكنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى غەربىي مەيدان ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدا پەيلىرى قاردەك ئاپئاق ئاق قۇ ئويناقشىپ، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇشقا جەلپ قىلدى. بۇ ئاققۇلار بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كورلا شەھىرىگە بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇچۇپ كەلگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى 5-ئايدا، كورلا شەھىرى كۆنچى دەرياسىدىكى كۆۋرۈكنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا كۆلىمى 2300 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىككى سۈنئىي ئارال ـــ ئاق قۇ ئارىلىنى بەرپا قىلدى، ھەريىلى ئاق قۇ، ياۋا ئۆردەك، ئاق چايكا، قارنا قاتارلىق ياۋايى سۇ قۇشلىرى بۇ جايغا ماكانلىشىدۇ.

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىگە يەنە ئىككى ئاق قۇ ئۇچۇپ كېلىپ، بالدۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئاق قۇلارنىڭ سانى تۆتكە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى