تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن

جىمىسارناھىيەسى بېيتىڭ بازارلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قۇۋاتبېك تۇرسۇنقان

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئەلا بىلىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە جايدا ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، ئىناق، بەختىيار گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى. ھالبۇكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، دىنىي قائىدىلەرنى بۇرمىلاپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللىي ئارازلىققا قۇترىتىپ، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، بىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ يالغان – ياۋىداق سۆزلىرىنى قەتئىي ئېچىپ تاشلىشىمىز، سۇيىقەستىنى ئاشكارىلىشىمىز، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

  پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىدلەيمەن. كۆزۈمنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىگە باشلامچىلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، مۈجمەل، ئېنىق بولمىغان كۆز قاراشلارغا، كۆز بويامچىلىق قىلىدىغان نۇقتىئىنەزەرلەرگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلايمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇشقا كۈشكۈرتۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رەزىل غەرىزى ۋە جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن. تىرىشىپ ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق ئاپەت›› ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرىمەن. تىرىشىپ پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ شىنجاڭغا ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ يېتىشكە، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. سىياسىي يۈكسەكلىكىمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر ۋاقىت ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، قىلچە بىخۇدلۇق قىلماي، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، قولنى – قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ئورتاق قوغدايمەن، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدايمەن.

  مەن تەنتەنىلىك ھالدا پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرىمەنكى، شەرەپلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ بىردىنبىر ئېتىقادىم كوممۇنىزم، مەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئاڭلىق ھالدا كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى