9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا ئىرېلاندىيە زۇڭتۇڭى خىگگىنس (سولدىن 2-كىشى) 30-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ياش ئالىملار مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 30-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ياش ئالىملار مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىرېلاندىيە پايتەختى دۇبلىندا باشلاندى، جۇڭگولۇق ئۈچ ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ياش ئالىملار مۇسابىقىسىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 1989-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە ياش ئىلىم-پەن ئىختىساسلىقلىرىنى بايقاش، ياش ئالىملارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.