تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

‹‹خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلايلى›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر (1)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

تەھرىر ئىلاۋىسى

      9 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، مائارىپ خىزمىتى دۈچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، دۆلىتىمىز مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم، زور مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك مائارىپ خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىدىكى ‹‹توققۇزدا چىڭ تۇرۇش››نى پۇختا ئىگىلەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسىتىدە ‹‹خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلايلى›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىدۇ.

———————————————————————————————————

    مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۈچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلاندى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بۇرچنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمىز.


يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش

      باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.
      9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر پەرھات ھېزىم مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ سىستېمىسىدىكىلەرنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە تېزدىن تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، پائال تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.  
      پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتىنى كۆپ قېتىم مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەشنى تەكىتلىدى.
     2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەڭشىلىپ كۈچەيتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىغا ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگانلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردە ئارقا-ئارقىدىن پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى قۇرۇلدى. مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە كۈچەيتىلىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى.
     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2017-يىلى، ئاپتونوم رايون ‹‹ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى››نى تۈزۈپ تارقاتتى، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، پارتىيە مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى، ئىسلاھات – تەرەققىياتنى باشقۇرۇش، كادىرلارنى باشقۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك داشۆلەرنى ياخشى باشقۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

      بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ھەم سىياسىيدا قىيىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەم قابىلىيىتى يۇقىرى، كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز 16 ئالىي مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشىنى مەركەزلىك يولغا قويدى، بۇ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، سانىنىڭ كۆپلۈكى، دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.


ئۇسۇلدا ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش


      9 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، قەشقەر داشۆسىنىڭ چەت ئەل تىلى شۆيۈەنى ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن گوجىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيەنىڭ ‹‹قاينام – تاشقىنلىق يىللىرى››نى ئەسلەش تېمىسىدىكى ‹‹ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى››نى ئۆتتى. ئۇ قىممەتلىك تارىخىي رەسىم ھەم تەپسىلىي سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار بىلەن پارتىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئورتاق ئىزدىدى. چېن گوجىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە دەرسى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كۈچلەرنى پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
      چېن گوجىڭ قەشقەر داشۆسى چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئېنگلىز تىلى پېنىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمىدا بۇ شۆيۈەننىڭ ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلىنىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ‹‹قوش باشلامچى››غا ئايلاندى.
      دەرەخ ئېگىز ئۆسسۇن دېسەك، يىلتىزىنى چوقۇم مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.
      پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلدە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئۇرغۇتتى.
      2017-يىلى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەردە ‹‹قوش باشلامچى›› يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، يەنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلىم-پەن باشلامچىلىرىنى ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەربىيەلەپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، شارائىتى بار ئوقۇتقۇچىلار پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىلىرىنى ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى قىلىپ يېتىلدۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتىنى قوش ئىلگىرى سۈرۈش، قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
      بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ زوركۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالىي مەكتەپلىرىدىكى ‹‹قوش باشلامچى››لارنىڭ سانى ۋە نىسبىتى تەدرىجىي ئۆسۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات خىزمىتى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، بىر-بىرىنى كۈچەيتتى.
      مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى ‹‹قوش باشلامچى›› يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر. ئاپتونوم رايون يەنە مائارىپ سىستېمىسىدا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ تۆۋەنگە يۆتكىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شۆيۈەن، فاكۇلتېتلىرى ھەم قارىمىقىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەسپىي مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى مەركەزلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىقىغا ئىلغارلىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى؛ مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى؛ ئوتتۇرا  –  باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت ئۆلچىمى، ئەخلاق تەربىيەسى خىزمەت كۆرسەتمىسى، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرىنى تۈزۈپ، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرگە پارتكوم شۇجىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاللاپ ئەۋەتىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇردى.
      سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بارغانسېرى كۆپلىگەن مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەيدىغان مەكتەپكە، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان يادروغا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان قورغانغا ئايلاندى.
      چېن گوجىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوقۇم، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ‹‹ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش››نى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپ روھىنى تاۋلايمەن.


ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش


      9-ئاينىڭ 12-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەنۋەر ياسىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› بىز بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ئېھتىياجلىق! يېڭى دەۋردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاڭلىق ھالدا شەخسىي غايەمنى دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەنلىرىم ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قەتئىي ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن.
      ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش ئاساس.
      پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹19-قۇرۇلتاي روھىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر مول، رەڭدار بولغان ھەم جەلپ قىلىش كۈچىگە، ھەم تەسىر قىلىش كۈچىگە ئىگە مەكتەپ مەدەنىيىتى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىش، ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. شىنجاڭ داشۆسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لېكسىيە ئۆمىكى ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى؛ شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد داشۆسى كومپيۇتېر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ‹‹ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق 19 – قۇرۇلتاينى مەدھىيەلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز›› تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى؛ شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ‹‹ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا تەقدىم قىلايلى›› باش تېمىسىدىكى ئەخلاق دەرسخانىسى ئۇيۇشتۇردى؛ قەشقەر داشۆسىدە ياشلار ماركسىزم نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش جەمئىيىتى قۇرۇلدى.
      ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەر تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى شەكىل، يېڭى ئۇسۇللار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى؛ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش، پەن تەتقىقات بىرىنچى سېپىدە پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىش... ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاي روھىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
      ئۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››نى تۈزۈپ، ئالىي مەكتەپلەر ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملاردىن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى مائارىپ – ئوقۇتۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
      شىنجاڭ داشۆسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چەي لىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي مەكتەپلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تۈپ مىزان قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي يېتەكچى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىلىك، يول باشلىغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى