كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى ۋە كۆكتوقاي دۆلەتلىك ئېكولوگىيە باغچىسى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 788 كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 485 كىلومېتىر، كۆكتوقاي ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 53 كىلومېتىر بولۇپ، ئېرىتىش چوڭ جىلغىسى، كۆكسۇلى، ئىرېگنىمۇت كۆلى، قارا شاڭغىر يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلبېغىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. بۇ جاي جىلغىلاردا ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، تاغ ئورمانلىرى، كان بايلىقى، سوغۇق قۇتۇپ كۆلى ۋە غەلىتە يەر تەۋرەش ئۈزۈلمە بەلۋېغىدىن ئىبارەت تەبىئىي مەنزىرىلەر گېئولوگىيە مەدەنىيىتى، رايون ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن، سەيلە-ساياھەت، ئارام ئېلىش، ئالاھىدە ساياھەت(پىيادە مېڭىش قاتارلىق)، ئىلمىي تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان چوڭ تىپتىكى ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسىدۇر. 2012-يىلى، كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىنغان.
خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى